قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر: «خىتايدىن ئالغان زور سوممىلىق قەرز - قازاقىستان خەلقىنىڭ يەلكىسىگە چۈشىدۇ»

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەر ساھەلەردە راۋاجلانماقتىكەن.

ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺗﯘﺭﯗﺑﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەر ساھەلەردە راۋاجلانماقتىكەن.

«قازاق ئاخبارات ئاگېنتلىقى» دا ئېلان قىلىنغان «نازاربايېف ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا قازاقىستان ۋە خىتاي توققۇز ھۆججەت ئىمزالىدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، 7-ئىيۇندا بېيجىڭدا بولغان بۇ ئۇچرىشىشتا نۇرسۇلتان نازاربايېف ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلغان. شى جىنپىڭ شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا قازاقىستاننىڭ يېزا-ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي بازارىغا كىرگۈزۈش ھەمدە ئېنېرگىيە، نېفىت، تەبىئىي گاز شۇنداقلا مەدەنىي ئالاقىلەر، يېڭى تېخنولوگىيە ۋە رەقەملەشتۈرۈش ساھەلىرى بويىچە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شى جىنپىڭ يەنە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دائىرىسىدىمۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلغان.

ماقالىدا ئۆتكەن يىلى ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار ئوبوروتىنىڭ 10 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ 2016-يىلىدىن 32 پىرسەنت ئاشقانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

ھالبۇكى، قازاقىستان ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئىككى مەملىكەت مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى ماقالىلەردە بۇ ھەمكارلىققا كۆپرەك خىتاينىڭ مەنپەئەتدار ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ قازاقىستانغا سېلىۋاتقان كۆپ مىلياردلىق مەبلەغلىرىنىڭ پايدىسىنى قازاقىستان خەلقى ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ، ئايرىم گۇرۇھلارنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ كۆرۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

«365 قازاقىستان ئاخباراتى» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي مەبلەغلىرى قازاقىستان ئىقتىسادىنى يۇتماقتا» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى ئاندرېي كوروليوف خىتاينىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا قىزىقىۋاتقانلىقىدا مەلۇم بىر خەۋپنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «خىتايلار ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستان ئىقتىسادى بىلەن، شۇنىڭ ئىچىدە پەقەت جۇمھۇرىيەتنىڭ يەر ئاستى قېزىلمىلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قەرزدار كارخانىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىشنىمۇ كۆزلىمەكتە. شۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىنكى، 30 يىلدىن كېيىن زاۋۇتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇپ قالىدۇ.»

ئاندرېي كوروليوف خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئاكتىپلىقىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈنگە قەدەر 7 مىليارد دوللارلىق 11 ھەمكارلىق لايىھەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا سېلىۋاتقان مەبلەغ مىقدارى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، 2005-يىلدىن 2017-يىلنىڭ باشلىرىغىچە 13 مىليارد 900 مىليون دوللارنى تەشكىل قىلغان ئىكەن. ئومۇمەن خىتاينىڭ قازاقىستانغا سالغان مەبلەغ مىقدارى 42 مىليارد 800 مىليون دوللاردىن، بەرگەن قەرز مىقدارى 50 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. ماقالە ئاپتورى خىتاي مەبلىغىنىڭ «ئاقتۆپە مۇناي گاز»، «قاراجان باس مۇناي گاز»، «پاۋلودار ئاليۇمىن زاۋۇتى»، «مويناق ھىدرو ئېلېكتر ئىستانسىيىسى»، «قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىقى مەركىزى» قاتارلىق ئوندىن ئوشۇق ئاچقۇچلۇق لايىھەلەرگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە قازاقىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن خام ئەشيا مەركىزى بولۇشتىن تاشقىرى، خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئىشچىلىرى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى ۋە ئىش ئورنى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ قازاقىستانغا نىسبەتە قىممەتكە توختاش مۇمكىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

«قازاق ئۈنى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەبلىغىنىڭ تۆھپە سالمىقى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە قازاقىستانغا مىلياردلاپ مەبلەغ سېلىشتىن تاشقىرى يەنە قازاقىستان يېرىدە 51 خىتاي زاۋۇتىنى سېلىشنى باشلىغان ۋە يەنە يۈزلىگەن ھەمكارلىقتىكى كارخانىلارنى قۇرۇپ ئىشلىمەكتىكەن.

ماقالىدا خىتاينىڭ قەرز بېرىش شەرتلىرىمۇ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي باشقا مەملىكەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا باشقا يولنى تۇتقان ئىكەن. يەنى بېيجىڭنىڭ سىياسىتى بويىچە دۇنيانىڭ قايسى بۇلۇڭىدا بولمىسۇن، بۇ مەبلەغنى خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئىشچىلىرى ئېشىلىشى لازىم ئىكەن. «بىر سۆز بىلەن ئېيتىقاندا، - دېيىلىدۇ ماقالىدا، - خىتاي ئۆزى بەرگەن خىراجەتنى ئۆزى ئىگىلەپ، خىتاي شىركەتلىرى ئارقىلىق پايدىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى كۆزلەيدۇ. خىتايدىن قەرز ئالغان ئەل ئەڭ ئاخىرىدا خىتاي قەرزىگە سېلىنغان يول ياكى زاۋۇتقا ئېگە بولىدۇ ۋە مىلياردلىغان قەرزنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.» ماقالىدا يەنە خىتاي بىلەن بىرەر كېلىشىمگە كېلىشتىن بۇرۇن «يەتتە ئۆلچەپ، بىر قېتىم كەس» دېگەن ئاتىلار سۆزىنى ئويلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلغان.

«سېنتىر-1» لايىھىسىدە بېرىلگەن «خىتاي قەرزلىرىنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن سىياسىي خەۋپلىرى» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى سېرگېي دۇۋانوفمۇ قازاقىستاننىڭ خىتايدىن ئېلىۋاتقان قەرزلىرىنىڭ مەملىكەت بىخەتەرلىكىگە چوڭ خەۋپ تۇغدۇرۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سېرگېي دۇۋانوف قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ زاۋۇت سېلىپ، بىرەر مەھسۇلات ئىشلەپ چىقالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دەپ خىتاب قىلىدۇ: «ئاق ئوردىدىكىلەر بۈگۈنكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بېيجىڭنىڭ ياردىمى بىلەن ھەل قىلىۋېرىپ، قازاقىستاننىڭ كېلەچىكى ئاستىغا چوڭ بىر سىياسىي بومبىنى كۆمۈۋاتقانلىقىنى چۈشىنەمدۇ؟»

سېرگېي دۇۋانوف خىتايدىن ئېلىۋاتقان قەرزنىڭ شۇنداقلا قازاقىستاندا خىتاي سانائەت كارخانىلىرىنى سېلىش توغرىلىق كېلىشىملەرنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە ئاقئوردىغا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتتىكى خاتالىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كېرەك بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ سىياسىي ئاقىۋېتىنىڭ زور بولۇپ، خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي بېقىندىلىقىنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقنى يوقىتىشقا ئېلىپ كېلىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

قازاقىستانلىق تونۇلغان سىياسەتشۇناس دوست كۆشىمنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ھازىر كۆپلىگەن مەملىكەتلەرگە قەرز ئىكەن. شۇلارنىڭ ئىچىدە گوللاندىيەگە 40 مىليارد دوللار، خىتايغا 12 مىليارد 800 مىليون دوللار قەرز ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، سىياسەتتە مۇنداق بىر سۆز بار. ‹قەرىزنى ئالغان ھۆكۈمەت ئۆزى قايتۇرۇشى كېرەك. ئۆلگەنلەر ئۈچۈن تىرىكلەر قەرزنى قايتۇرماسلىقى كېرەك›. شۇنىڭ ئۈچۈن قەرزنى قايسى ھۆكۈمەت ئالغان بولسا، شۇ قايتۇرۇشى كېرەك. دېمەك، قەرز ئىككى-ئۈچ يىلدىن ئاشماسلىقى كېرەك. ھەقىقەتنى ئېيتساق، بىزدە شۇ قەرزنى تىرىكلەرنىڭ قايتۇرۇشى لازىم بولماقتا. قەرزنى 20 يىللاپ ئېلىشقا بولمايدۇ. گەپ پەقەت خىتايدىلا ئەمەس. بىز ھازىر بارلىق مەسىلىنى خىتايغا تاقاپ قويىدىغان بولدۇق. مەبلەغنى باشقا دۆلەتلەرمۇ سېلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.»

سىياسەتشۇناس رەسۇل جۇمالى قازاقىستان ئالغان ھەر قانداق قەرىزنى شۇ مەملىكەتنى تۇتۇپ تۇرغان شەخسنىڭ ئەمەس، بەلكى شۇ مەملىكەتنىڭ ۋە شۇ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان قازاق خەلقىنىڭ بويىدىكى قەرز بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قەرز دېگەن ئەلۋەتتە قازاقىستان ئۈچۈن مۇھىم ماۋزۇلارنىڭ بىرى. سەۋەبى جان بېشىغا چاچقاندا ھەر بىر قازاقىستانلىقنىڭ 9-10 مىڭ دوللار تاشقى قەرزى بار. بۇ پەقەت مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى تەشكىلاتى بويىچىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ئىچىدىمۇ چوڭ كۆرسەتكۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇنچىلىك قەرز رۇسىيەدىمۇ، ئۆزبېكىستاندىمۇ، قىرغىزىستاندىمۇ، باشقا ئونلىغان دۆلەتلەردىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئىچىدە خىتايدىن ئالغان قەرزىمىز توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق. بۇ ھەقتە بەزىدە 20-30 ياكى 30-50 مىليارد دوللار ئەتراپىدا قەرز بار دېگەن مەلۇماتلار مەۋجۇت. بىراق بىزنى بىر چۈچۈتىدىغان ئەھۋال خىتايدىن قەرزلەرنى ئېلىۋەرگىنىمىز، قەرزگە پېتىۋاتقىنىمىز ئېنىق. بۇ خىتاينىڭ بېكارغا بېرىۋاتقان قەرزى ئەمەس. ئۇنى بەرىبىر قايتۇرۇش كېرەك. گەپ شۇ قەرزنى قانداق قايتۇرۇشتا. ئۇنى كىم قايتۇرىدۇ؟ ھازىرقى ھاكىمىيەت ئۇنىڭغا قانچىلىك دەرىجىدە جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ قازاقىستان باي مەملىكەت بولۇپ تۇرۇپ، مۇنچىلىك قەرزگە پېتىشى شەخسەن مېنىڭ ئەقلىمگە سىغمايدۇ.»

رەسۇل جۇمالىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان خىتايدىن ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردىن قەرز ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ قازاقىستان خەلقىدىن يوشۇرۇن تۇتۇلۇشى گۇمان تۇغدۇرىدىكەن. ئۇ قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ قەرز ئېلىشىنىڭ، شۇنداقلا باشقا مەملىكەتلەر، تەشكىلاتلار بىلەن تۈزۈلۈۋاتقان ھەر قانداق كېلىشىملىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىغا زىت كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس جاسارال قۇانىشالىننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قەرزى قازاق خەلقى ئۈچۈن مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «قەرز قازاق يېرىنى سېتىش بىلەن قايتۇرۇلۇۋاتىدۇ» دېگەن خەۋەرلەر 2016-يىلى كۈچىيىپ، ئاھالە ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە نارازىلىقلار ھاسىل قىلغان ئىكەن. مۇنداق نارازىلىقلار بىرىنچى بولۇپ ئاتىراۋ شەھىرىدە باشلانغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلق ئەخمەق ئەمەس. بۇنىڭ قانچىلىك خەۋپ ئىكەنلىكىنى ھەم كۆرۈپ، ھەم بىلىپ تۇرىدۇ. خىتاي ھەقىقەتنەمۇ ئەجدىھا. ئەتراپىغا ئوت چېچىپ، ھەممىنى يۇتۇپ قۇرتىۋېتىدىغان. بۇ ئادەتتىكى مەملىكەت ئەمەس، بەلكى بىر يېرىم مىليارد خەلقى بار چوڭ خەۋپتۇر».

تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق مەھمۇدوفنىڭ پىكرىچە، ئومۇمەن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قانداق قۇۋ-ھىيلىگەر بىر مەملىكەت ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن ياخشى بىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ ھازىرمۇ شۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر قوشنا مەملىكەتلەرنى، شۇ جۈملىدىن بىز ياشاۋاتقان قازاقىستاننىمۇ قەرزگە پاتۇردى. قەرزنى ئالغان ياخشى، بىراق ئۇنى بېرىشمۇ كېرەك. كىم بېرىدۇ ئۇنى؟ شۇ نەرسە مەلۇمكى، خىتاي بەرگەن پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالمايدۇ. ئۇ مىليونلاپ بېرىدۇ، بىراق ئەتە بىر يەردىن بىر نەرسە تاپىدۇ-دە، قول قويۇپ بەرگىن، خەلقىمىزنى قوبۇل قىل دەيدۇ، شۇ ئارقىلىق قەرىزنى ئۈزىمەن دېگەن ئويى بار. بىراق خەلق خىتاينىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئىشىغا قاتتىق نارازى. »

ئابدۇخالىق مەھمۇدوف بۇ قەرزنىڭ خەلقنىڭ بېشىغا چۈشكەن بىر دەرد ئىكەنلىكىنى، كېلەچەكتە بۇنىڭ قانداق ھەل بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر پىكىر قىلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.