قەشقەر-گۋادار كارىدورى قۇرۇلۇشى پاكىستاندا «شىنجاڭ مودېلى» نى ئىجرا قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.07.27
pakistan-xitay-gwadar-imza.jpg پاكىستان گۋادار پورت دائىرىلىرى(GPA) نىڭ رەئىسى دوستاىن كھان جامالدىنى(ئوتتۇرىدا) بىلەن خىتاي چەتئەل پورتلىرىدىن پايدىلىنىش شىركىتى(COPHC) نىڭ رەئىسى جاڭ باۋجاڭ(سولدا) توختامغا قول قويماقتا. 2015-يىلى 11-نويابىر، بالۇچىستان پاكىستان.
AFP

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇش باشلىغانغا 3 يىل بولۇپ قالدى. پاكىستان خىتاي ھەر ئىككى دۆلەت ھازىرغا قەدەر مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى مەخپىي تۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق پاكىستاننىڭ «شەپەق گېزىتى» يېقىندا خىتاي تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن پاكىستان پىلان مىنىستىرلىقى ھازىرلىغان مەزكۇر پىلاننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئاشكارىلىدى.

پاكىستاننىڭ «شەپەق گېزىتى» ئاشكارىلىغان پىلاندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ قەشقەر-گۋادار كارىدورى قۇرۇلۇشى نوقۇل تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. مەزكۇر پىلان تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق قاتناش ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدىن باشقا، پاكىستاننىڭ تېخنىكا بازىرى، يېزا ئىگىلىك، سانائەت بازىلىرىنى قۇرۇش، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى بەرپا قىلىش، پۇل-مۇئامىلە، ئولتۇراق رايون، ئاخبارات، ئىنتېرنېت، سودا مەركەزلىرىنى ئېچىش، ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش، خىمىيە-سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەزكۇر پىلاندا يەنە، خىتاي شىركەتلىرىگە باج تاپشۇرۇش، يەر ئىشلىتىش ۋە ئېچىش، بىخەتەرلىك قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئىمتىيازلار بېرىلگەن.

مەزكۇر قۇرۇلۇش ھىندىستاننىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپلا قالماي، پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىدى. ھىندىستانلىق مۇتەخەسسىس، سىككىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئانانت كىرىشنان«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ پاكىستانغا «شىنجاڭ مودىلى»نى تەدبىقلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئانانت كرىشناننىڭ «پاكىستان خىتاينىڭ يېڭى مۇستەملىكىسى بولۇپ قالامدۇ؟ بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئاچقۇچلۇق قۇرۇلۇشلاردىكى پېيى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ 1950‏-يىللاردا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە تەرەققىياتىنى شۇنىڭ قولى بىلەن ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ قېتىم بۇ ئۇسۇلنى پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشىدا قوللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستانغا «شىنجاڭ مودېلى» نى تېڭىشتىكى مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى، ئىشلەپچىقىرىش، خەلق تۇرمۇشى، ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئۆلچەم بىرلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، ئىسلامئابادنى ئۆزىگە مەھكەم باغلىۋېلىشكەن.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ۋە خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادى كۈچىنى خىتاينىڭ تەرەققىياتى بىلەن باغلايدۇ. شۇڭا، خىتاي تەرەققىي قىلسا، پاكىستان تەرەققىي قىلىدۇ. خىتاي ئاجىزلىسا پاكىستان ئاجىزلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، پاكىستان خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالىدۇ. بۇرۇن پاكىستان غەرب دۆلەتلىرىدىن قورال-ياراق سېتىۋالاتتى. ھازىر خىتايدىن ئالىدىغان بولدى. يەنى مۇنداق دېگەندە، خىتاي ئىقتىسادى، ھەربىي، سىياسىي جەھەتلەردە ئۆزىگە باغلاپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى، پۇل-مۇئامىلە، سىستېمىلىرىنى خىتاينىڭ تۈزۈمى بىلەن باغلاشتۇر. مۇشۇنداق بولغاندا پاكىستان خىتايغا باغلىنىدۇ. خىتاي بۇنى 10 يىل ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ پىلانى قەشقەرنى شىنجىنغا ئايلاندۇرۇپ، قەشقەر ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيانىڭ جەلپ قىلىش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش، بۇ ئەللەردىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى، ئارمىيە، سىياسىي، ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى كۈچىنى خىتايغا باغلاشتۇر.»

خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مودېلى» دا ئۇيغۇر رايونىغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، نۇرغۇن كارخانىلارنى يۆتكەپ چىققان، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىنى ياسىغان، كان بايلىقلىرىنى ئاچقان، پۇل-مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىك، نېفىت-تەبىئىي گاز سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ مەبلەغ باشقۇرۇش، لايىھىلەش، تېخنىكا كىرگۈزۈش، ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلىرىگە يەرلىك خەلقنى يېقىن كەلتۈرمىگەن ئىدى.

ئانات كرىشناننىڭ قەيت قىلىشىچە، پاكىستان «شەپەق گېزىتى» نىڭ يېقىندا قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدور پىلانىنى ئاشكارىلىشى، پاكىستانلىق بەزى ئىقتىساتشۇناسلاردا ئەندىشە قوزغىغان. كرىشنان، پاكىستانلىق ئاتاقلىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناس نەكبەر زائىدنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ «پاكىستان خىتاينىڭ يەنە بىر ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالامدۇ ياكى ئۇنىڭ ۋاسسال دۆلىتى ئورنىغا چۈشۈپ قالامدۇ دېگەن ئەندىشە بار» دېگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىقتىسادشۇناسلار قەشقەر-گۋادار كارىدور قۇرۇلۇشى پاكىستاننى يۇقىرى ئۆسۈملۈك ئېغىر قەرزگە بوغىدىغانلىقىنى، پاكىستان خىتاينىڭ 46 مىليارد دوللارلىق مەبلىغى ئۈچۈن 95-96 مىليارد دوللار قەرز تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى. ۋاشىنگتوندىكى بالتىستان-گىلگىت ئىنستىتۇتى ناملىق ئورگاننىڭ رەئىسى سەنگى سېرىن، پاكىستان-خىتاي كارىدور قۇرۇلۇشىدا مەنپەئەتدار تەرەپنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بىر تىيىننىمۇ بېرىۋەتمەيدۇ. ئۇ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ بەرگەن قەرزىنى يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن قايتۇرۇۋالىدۇ. پاكىستاندىكى نۇرغۇن زور قۇرۇلۇشلارنى خىتاي كونترول قىلىدۇ. خىتاي پاكىستاندا نۇرغۇن ئىقتىسادى قۇرۇلۇشلارغا ئىگە بولۇپ بولدى. گۋادار پورتى خىتاي ئۈچۈن ئەگەر ئۇ كونتروللۇقنى ۋە باشقۇرۇشنى ياخشى قىلسا، ئۇنچىلىك يامان پىكىر ئەمەس. بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر قۇرۇلۇش، ئۇنىڭ سىنگاپور ياكى خوڭكوڭ پورتىغا ئوخشاش مۇھىم پورتلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچى بار. ئۇنىڭ ئورنى ناھايىتى ياخشى يەردە. ئۇنىڭ نۇرغۇن يوشۇرۇن كۈچى بولسىمۇ، بىراق سىياسەت ۋە باشقۇرۇش ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭ كېلەچىكى پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ قانداق باشقۇرۇشىغا باغلىق. مەن خىتاينىڭ پاكىستانغا سالغان مەبلىغىدە زىيان تارتىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. ئۇ زور پايدىغا ئېرىشىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يەنە بىر ئېرىشىدىغىنى ئىستراتېگىيەلىك پايدا.»

بىراق سەنگې سرېىڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، قەشقەر-گۋادار كارىدور قۇرۇلۇشىدىكى ھالقىلىق مەسىلە، كارىدور بويىدىكى گىلگىت-بالتىستان، بالۇجىستان، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتى مەسىلىسىدۇر. ئۇ، بېيجىڭ بىلەن ئىسلامئابادنىڭ بۇ خەلقلەر بىلەن ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «گىلگىت-بالتىستان ئىختىلاپتىكى رايون. بۇ دېگەنلىك، پاكىستان بىلەن خىتاي گىلگىت-بالتىستاننىڭ ئۆزلىرى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك 3‏-تەرەپ دەپ مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز تەبىئىي بايلىقلىرىنى، زېمىنلىرىنى ئۆزى كونترول قىلىشىغا يول قويۇشى، سىياسىي قارارىنى ئۆزى بېرىشى كېرەك. ھېچكىم ئۆز-ئارا ئالاقىگە قارشى تۇرمايدۇ. بۇنداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى بولمىسىلا، ئۆز-ئارا ئالاقىغا قارشى تۇرىدۇ، دەپ قارىمايمەن. ھازىر پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنىمۇ شۇ. بىراق ئۇلار گىلگىت-بالتىسننى، ياكى بالۇجىستان ۋە ياكى شىنجاڭنى ئۆزىگە دۈشمەن، دەپ قارىماسلىقى كېرەك. خىتاي قازاقىستان، ئافرىقا، مەيلى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە بېرىپ مەبلەغ سالسۇن، ئۇ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا بۇ، تەرەپلەرگە تەڭ مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.»

ئانانت كرىشناننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي قەشقەر-گۋادار كارىدورىغا زو ئۈمىد باغلىسىمۇ، بىراق ئۇ، مەزكۇر رايوندا يەنە بەزى خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى پاكىستاندا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى پاكىستاننىڭ پەنجاپ، سىندى، بالۇجىستان ئۆلكىلىرىدىكى مىللىي توقۇنۇشلار، بالۇجىستاندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، تېررورلۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ يەنە بىر ئىستراتېگىيەلىك پىلانى قەشقەر-گۋادار كارىدورى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چېگرا ئۇقۇمىنى پاكىستانغا كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر رايونىنى ئىچكى رايونغا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئانانت كرىشناننىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ مەزكۇر كارىدورغا قارشى تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى رەت قىلىشى، كەشمىر مەسىلىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىكەن. كرىشنان ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گوپاسل باگلاينىڭ بۇ يىل 13‏-مايدا قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ «ھېچقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى سەل قارالغان بىر قۇرۇلۇشنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.