ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-29
مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ئىلى كېچياڭ قازاقىستاندا پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە ھۆكۈمەت رەھبىرى كەرىم مەسىموفلار بىلەن مۇزاكىرە يۈرگۈزۈپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىغان ئىدى.
2014-12-25
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف 2015-يىلى 9-مايدا، يەنى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش» كۈنىدە قىرغىزىستاننىڭ ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئەزاسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-12-24
23-دېكابىر كۈنى موسكۋادا قىرغىزىستان ھەم ئەرمېنىيە دۆلەتلىرىنى رۇسىيە باشچىلىقىدىكى تاموژنا-باج ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىگە قول قويۇش ھەمدە بۇ ئىتتىپاققا ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكى دەپ نام بېرىش مۇراسىمى بولدى.
2014-11-19
گوللاندىيە شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان كىچىك بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارمۇ گوللاندىيەدىكى ئون نەچچە يىللىق مۇھاجىرلىق مۇساپىسىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھالال ياشاش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
2014-11-13
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي مۇنبىرى يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ دېڭىز-قۇرۇقلۇق ئىككى لىنىيەدىكى «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىغا مەخسۇس فوندى قۇرۇپ، 40 نەچچە مىليارد دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2014-10-22
18-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىنىڭ تيەنجىن رايونىدىكى سىكۇشى مەدەنىيەت سارىيىدا ياپونىيە بۈيۈك ئاسىيا چۈشى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مالايشىيا ۋە تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
2014-09-25
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يازدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتنىڭ بىرى بولغان «يېڭىسار پىچىقى» نىڭ بازىرى كاساتلاشقان.
2014-09-23
تىجارەت يولىغا كىرگەن ھەر قانداق بىر شەخس ياكى بىر شىركەت، قانداق قىلىپ تېز سۈرئەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايدۇ، ئەلۋەتتە.
2014-09-22
«ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىشقا مىلياردېرلىرى يوق؟» دېگەن تېمىدىكى مۇلاھىزىلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن ئادالەتسىز مىللىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئاللىقاچان بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ بولدى.
2014-09-19
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆپلەپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.
2014-09-03
نۇر بەكرى 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، ئەمما ئۇ كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى خىتاي تىلى بىلەن جاكارلىغان ۋە پۈتۈن تەبرىك سۆزى ھەم بايانلىرىنىڭ ھەممىسى خىتايچە داۋاملاشقان.
2014-08-29
ئۇيغۇر ئېلىدىن يېڭى چىققان ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە «ئۇيغۇر قاراخانلى قوغۇنى» ماركىسىدا قوغۇن يېتىشتۈرۈپ بازارغا سالدى.
2014-08-21
ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نېفىت، تەبئىي گاز، كۆمۈرچىلىك، ئېلىكتىر ئېنىرگىيە، تۆمۈريول ۋە باشقا ئىگىلىك تۈرلىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە، دائىرىلەر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۇ كارخانىلارنى دۆلەت ۋە خۇسۇسىلارنىڭ بىرلەشمە ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىگىلىك شەكلىگە ئۆزگەرتىشكە كىرىشكەن.
2014-08-06
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن شىركەت خوجايىنلىرى دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ يېقىندا قۇمۇل شەھىرىنىڭ راھەتباغ يېزا قاراتال كەنتىدە «قوغۇن بايرىمى» ئۆتكۈزگەن ھەمدە قۇمۇل قوغۇنىنىڭ سودىسىنى مونوپول قىلىۋالغان.
2014-07-24
شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان قوزغىغان«پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» دولقۇنىدا ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.