سېيىت تۈمتۈرك تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.10.03
seyit-tumturk-turkiye-rehberliri-1.jpg شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قاتارلىقلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق تۈركىيە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى.
RFA/Erkin Tarim
seyit-tumturk-turkiye-rehberliri-1.jpg

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قاتارلىقلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق تۈركىيە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى. RFA/Erkin Tarim

seyit-tumturk-turkiye-rehberliri-2.jpg

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قاتارلىقلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق تۈركىيە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى. RFA/Erkin Tarim

seyit-tumturk-turkiye-rehberliri-3.jpg

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قاتارلىقلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق تۈركىيە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى. RFA/Erkin Tarim

seyit-tumturk-turkiye-rehberliri-4.jpg

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قاتارلىقلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق تۈركىيە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى. RFA/Erkin Tarim

seyit-tumturk-turkiye-rehberliri-5.jpg

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قاتارلىقلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق تۈركىيە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى. RFA/Erkin Tarim

10-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ خىزمەت باشلاش مۇراسىمىغا رەسمىي تەكلىپ بويىچە ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇلقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى، ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارلامېنت باشلىقى ئىسمائىل قەھرىمان، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، باش مىنىستىر مۇئاۋىنى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا بىر ئايدىن بېرى ئىستانبۇلدا تۇتۇپ بۇرىلىۋاتقان ئابدۇلقادىر ياپچان توغرىسىدا مەلۇمات بەردى، شۇنداقلا بەزى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، پۈتۈن رەھبەرلەر بىلەن پارلامېنتنىڭ زالىدا 5-6 مىنۇت كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئاڭلاتقاندىن سىرت يەنە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى، ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۆزىنىڭ پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇلارنى قوبۇل قىلدى. نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇلار بىلەن 20 مىنۇت ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر لارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، مۇساپىر ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار، بولۇپمۇ ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بۇ ئۇچرىشىشلاردا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نېمە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؟ ئۇلار نېمە جاۋاب بەردى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇچرىشىش ئاخىرىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئابدۇلقادىر ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

بىز سېيىت تۈمتۈرك بىلەن كۆرۈشكەن بەزى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ رەت قىلدى.

10-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا يازلىق تەتىلدىن كېيىن خىزمەت باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە ئارمىيىسى باش شتابى باش قوماندانى ئاقار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئابدۇلقادىرمۇ تەكلىپ بويىچە مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.