ئۇيغۇريار فوندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تەسىس قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.10.09
Uyghuryar-fondi-torbeti.jpg «ئۇيغۇريار فوندى» توربېتىنىڭ باشبېتى.
Photo: RFA

2017-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئوقۇشى ۋە كۈندىلىك ھاياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوشقاندا نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئاستىدا تۇرمۇش كۆچۈرمەكتە. «ئۇيغۇريار فوندى» بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈركىيەدە تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىشنى قارار قىلدى.

«ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئادىل سەمەت ئەپەندى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىشنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېڭىدىن ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگەنلەردىن ئۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىلىرى بىلەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىمتىھان نەتىجىسى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغان قېرىنداشلاردىن ئالدىنقى مەۋسۇمغا مۇناسىۋەتلىك دەرس نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەشنى خالىغان ئوقۇغۇچىلار فوندىمىزنىڭ www.uyghuryar.org ناملىق تورىنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ.»

ئادىل سەمەت ئەپەندى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوقۇش ياردەم سوممىسى 720 تۈرك لىراسىدىن 1200 تۈرك لىراسى ئەتراپىدا بولىدۇ. يىلدا 8 ئاي بېرىدۇ.»

«ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى، ئۇيغۇر زىيالىيسى باتۇر قاراخانلى ئەپەندى 2017-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىسىردىنمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغانلىقىنى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر فوندقا ياردەم ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

باتۇر قاراخانلى ئەپەندى، «ئۇيغۇريار فوندى» نى قۇرغان كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىكەنلىكىنى، ئىئانە قىلىنغان پۇللارنى ياردەمگە ئەڭ موھتاج ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھازىر تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر تىل مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەدە ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلەش پۇرسىتى بولمىغاچقا كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر قىيىنچىلىقتا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئەدىرنە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۆمەرجان جامال ئەپەندى بۇ يىل 6-ئايغىچە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئالغانلىقىنى، 6-ئايدىن تارتىپ «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ياردىمى بىلەن مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مىسىردىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىگە «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«ئۇيغۇريار فوندى» 2016-يىلى 10-ئايدا مەرىپەتپەرۋەر 7 نەپەر ئۇيغۇر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر فوند يەنە مىسىردىن تۈركىيەگە كېلىشنى ئىستىگەن 62 ئوقۇغۇچىغا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بەرگەن. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ياردەمنى سىستېمىلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.