خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سودا ئالاقىسىگە توسقۇنلۇق قىلغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.06.05
uyghur-namrat-tijaret-aqsu.jpg چاقچىلىق قىلىپ جان بېقىۋاتقان نامرات ئۇيغۇرلار. 2008-يىلى 31-ئىيۇل، ئاقسۇ.
AFP

تۈركىيە، ئەرەبىستان، دۇبەي قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سودا قىلىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا پۇل ۋە مال سېلىشى دائىرىلەر تەرىپىدىن توسۇۋېتىلگەن، ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسى كاشىلىغا ئۇچرىغان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۇكانلىرى تاقاپ قويۇلغان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى تىجارەت شېرىكلىرى سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسى توختاپ، كۆپ زىيان تارتماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن يېقىن ئالاقىسى بار ئاز ساندىكى تىجارەتچىلەر بولسا سودىسىنى نورمال داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخەنزە، ماناس، قۇمۇل ۋە مىدۇڭ شەھىرىدىكى ج خ تارماقلىرى ئۆتكەن يىلى 18-ئۆكتەبىرگىچە ئاممىنىڭ قولىدىكى پاسپورتلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشى، ئەگەر تاپشۇرۇلمىسا پاسپورت ئىگىلىرىگە ئاۋارىچىلىك بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئۇقتۇرۇشىنى تارقىلىپ، پاسپورت يىغىۋېلىش سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا قايتىدىن بىردەك ئىجرا قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېڭى ئەمەلدارى چېن چۈەنگونىڭ ھەممە ئىشتا باش نىشاننى چۆرىدەش چاقىرىقىغا بىنائەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ۋە سەپەر ئەركىنلىكى چەكلىنىپلا قالماي، ئوقۇش ۋە سودىسىغىمۇ زور توسالغۇلار ياراتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى پاسپورتلارنى يىغىۋېلىشىنىڭ چەتئەللەرگە چىققان

ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتتە، چەتئەلدىكى دوست ياكى قېرىنداشلىرىغا پۇل يوللاشنىڭمۇ جىنايى پاكىت دەپ قارىلىپ، بولۇپمۇ تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق جايلارغا پۇل سالغان ياكى بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.

ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش، پاش قىلىش ھەرىكەتلىرىدە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا ئوقۇپ كەلگەن، سودا قىلغانلارنىڭ ئۆزلىرى ۋە ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتى تەھدىت ۋە تۈرلۈك باھانىلەردىكى تۇتقۇن ۋە سوراقلارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈركىيەدىن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى، تۈركىيەدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كەتكەن خوجايىنىنىڭمۇ پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۇچۇر ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭمۇ ئۈزۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۈركىيەگە بېرىپ كەلگەن تارىخى بار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى «ئىككى ھەپتىلىك ئۆگىنىش» باھانىسىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.

ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىدىمۇ ئۇيغۇر تىجارەتچى، پۇلدارلارنىڭ ئاساسلىق تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ چەتئەلگە چىققان، ھەجگە بارغان ۋە تۈركىيەگە بارغان، چەتئەل بىلەن سودا قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكتى ئىكەنلىكى ئاتۇش ساقچىلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدا بىر قىسىم پۇلدار سودىگەر، بولۇپمۇ جامائەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ۋە يۈز-ئابرۇيغا ئىگە ئىگىلىك تىكلىگۈچى، باي ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئاساسلىق تەقىبلەش نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي سىياسىي ۋە باشقا جىنايەتلەرنى ئارتىپ ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى ۋە ھاياتىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ۋەتەنگە قايتىش نىيىتىدىن يانغان بىر سودىگەر خانىم، تۈركىيەدە ئۆزى بىلىدىغان بەزى سودىگەرلەرنىڭ تۈرلۈك تۆھمەتلەر ئارتىلىپ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان مال توشۇش شىركەتلىرىنىڭمۇ ئاساسەن تاقىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىزغا نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات بەرگەن بۇ سودىگەر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەدە «شىنجاڭ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» نى قۇرغان، خىتاي كونسۇلى بىلەن زىچ ئالاقىسى بار سابىر بوغدا ئىسىملىك كىشىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مال توشۇش شىركەتلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىن ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا پۇل، مال ماڭدۇرۇشى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەن.

مەلۇمات يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلغا ئۇيغۇر ئېلىدىن ساقچى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرىنى ئەۋەتكەن ۋە سابىر بۇغرا ئارقىلىق مال توشۇش شىركەتلىرىنى قۇرغان ئادەملەرنى چاقىرتىپ «ھەمكارلىق ئورنىتىش» باھانىسىدە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر ھەرىكىتىدىن يىراق تۇرۇش قاتارلىق شەرتلىرىگە كۆندۈرۈشكە تىرىشقان. بۇ خىل شەرت ۋە تەھدىتلەرگە پىسەنت قىلمىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ بولسا، يېقىنقى كۈنلەردىن باشلاپ ۋەتەن بىلەن ئۇچۇر ۋە سودا ئالاقىسى پۈتۈنلەي توسۇپ قويۇلغان.

بىز سابىر بوغدا ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرگەن بولساقمۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىدۇق.

بىز تۈركىيەدە ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى قۇرغان، يېقىنقى ئايلاردا ئۇيغۇر ئېلىغا مال سېلىشى چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك زور زىيانغا ئۇچرىغان بىر سودىگەر بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى توڭلىتىپ قويۇلغان بولسىمۇ، خىتايلار ۋە خىتاي كونسۇلى بىلەن ئالاقىسى بولغانلارنىڭ سودىسى ھېلىھەم نورمال يۈرۈشۈكلۈك ئىكەن.

ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ نورمال سودا يوللىرىغا توسالغۇ يارىتىش، سودىگەرلەرگە تەھدىت ۋە تۈرلۈك بېسىملارنى يۈرگۈزۈشىگە قارشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

ھالبۇكى، ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارىتا ئەيىبلەشلەردە بولغان، ھەتتا 2009-يىلدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاينى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ نۆۋەت 14‏-ماي «بىر بەلۋاغ، بىر يول» يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، بۇ يولنىڭ يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىكى «تېررورلۇق»نى تۈگىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. بۇلارنىڭ بىرى، جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىدى.

چۈنكى ئۇنىڭ، بۇ زىيارىتى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرگەن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى تاشقى سودا سوممىسى 2002-يىلى يىلىدا بىر مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولغان بولسا، بۇ سومما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 27 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.