شىۋېتسىيەدە «ئۇيغۇر ياردەم فوندى جەمئىيىتى» قۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.05.01
uyghur-yardem-fondi-jemiyiti-logo.jpg «ئۇيغۇر ياردەم فوندى جەمئىيىتى» نىڭ لوگوسى.
RFA/Ekrem

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر ياردەم فوندى جەمئىيىتى» ناملىق فوند جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 20-ئاپرېل كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن تەستىقلانغان تۇنجى قانۇنلۇق ياردەم فوندى جەمئىيىتى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ فوندى جەمئىيەتكە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن فەرۇق سادىقوف ئەپەندى رەئىس بولۇپ سايلانغان. 

فەرۇق سادىقوف ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۇيغۇر ياردەم فوندى جەمئىيىتى» نى قۇرۇشتىكى مەقسەت ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. 

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ياردەم فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ساخاۋەت ۋە ئىئانە ئارقىلىق توپلىغان ئىقتىسادى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىگە، ئۇيغۇر يېتىم-يېسىرلار ۋە تۇل ئاياللارغا، ئوقۇشتا قىيىنچىلىق تارتقان ئوقۇغۇچىلارغا، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ھەمدە «ئۇيغۇر ياردەم فوندى جەمئىيىتى» نىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىكەن. 

«ئۇيغۇر ياردەم فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ئىدارە ھەيئىتىدە 13 كىشى ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، 20-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كاسسىرى بولۇپ سايلانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندىمۇ مەزكۇر فوندى جەمئىيەت توغرىسىدا بىزنى ئەتراپلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. 

ئۇيغۇر ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇمەجىد تۇردىيەف ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ياردەم فوندى توپلىغان ئىقتىسادنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خەير-ئېھسان ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

«ئۇيغۇر ياردەم فوندى جەمئىيىتى» 20-ئاپرېل چاقىرغان يىغىنىدا، فوندى جەمئىيەتنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، كاتىپلىرىنى، تەشۋىقات مەسئۇلىنى، كاسسىرلىرىنى، مەسلىھەتچى ۋە تەپتىشلىرىنى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.