ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «قىممەتكە توختاۋاتقان» مۇقىملىقى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.03.13
kocha-charlash-herbiy-mashina-aptomobil.jpg كوچىدا «ئامانلىق» ساقلىغۇچى قوراللىق ھەربىي ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىللىرى. 2009-يىلى 4-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «مۇقىملىقى» ۋە «بىخەتەرلىكى» نى قوغداش نامى ئاستىدا سەرپ قىلىۋاتقان غايەت زور خىراجىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئالدى. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن بۇنچە كۆپ مەبلەغ سېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان ئىستاتېسكىلاردىن ۋە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ ھەقتە «جېيمىس تاۋن فوندى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2017‏-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن سېلىنغان خىراجەت ئالدىنقى يىلدىكىدىن 92.5 پىرسەنت ئېشىپ، 16.9 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلگەن.

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىچكى بىخەتەرلىكىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىدىنمۇ 8 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئەھۋال ئىكەن.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرى ئېمىلىي فاڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى قۇرغانلىقىنى، 2016 ‏-يىلىدىن بېرى رايوندا 7000 دىن ئوشۇق ساقچى پونكىتى تەسىس قىلغانلىقىنى، سېلىنىۋاتقان سېلىنمىنىڭ رايوندا ئىشقا ئېلىنغان 100 مىڭدىن ئوشۇق ساقچىنىڭ مائاش تەمىناتىدىن تارتىپ، يۇقىرىدىكى ساقچى پونكىتى ۋە كامېرالارغىچە بولغان كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى يالغۇز ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئىشىنىپ تۇرۇپ مۇشۇنداق يۇقىرى چىقىم بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلىتىلىۋاتقان يۇقىرىدىكىدەك يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋە ئادەم كۈچىگە زور مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدىكى روشەن ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى تا يېقىنغىچە ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرىدە ‹تەرەققىيات› دېگەن سۆزنى كۆپ ئىشلەتكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ نەزەرىيەلىرىدە ‹رايونغا تەرەققىيات ئېلىپ كەلسەك، مۇقىملىق ياراتقىلى بولىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەكىللىنىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا بولىدۇ› دېگەن ئىدىيەلەرنى كۆپ تەشۋىق قىلاتتى. ئەمما يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيانقى ئىشلىتىۋاتقان سۆزلىرىگە قارايدىغان بولساق، بۇنداق گەپلەرنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ. بېيجىڭدىن چىقىۋاتقان مۇلاھىزىلەرنىڭ ھەممىسىدە تەكىتلىنىدىغىنى بىخەتەرلىكنى قوغداش، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت. دېمەك، بۇ خىتاينىڭ سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشتىن ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدە نېمىنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە بىر ياقتىن، بىز بۇنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتا باشقا بىر پىكىر-ئامالى قالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ».

يېقىندا، كانادادا چىقىدىغان «يە شارى ۋە پوچتا گېزىتى» ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان راسخوتنى كانادا بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن ۋە خىتاينىڭ 2017‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان راسخوتىنىڭ پۈتكۈل كانادانىڭ ئۆتكەن يىللىق بىخەتەرلىك سېلىنمىسىدىن 7 ھەسسە كۆپلۈكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 2017‏-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا بىخەتەرلىككە سەرپ قىلىنغان پۇل سالامەتلىككە سېلىنغان مەبلەغدىن 2 ھەسسە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا سېلىنغان مەبلەغدىن 11 پىرسەنت ئېشىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مائارىپقا سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.

ماقالىدا شاڭخەي شەھىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سېلىشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، شاڭخەي بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئىككىسىنىڭ نوپۇسى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن شاڭخەينىڭ بىخەتەرلىك سېلىنمىسى ئۇيغۇر رايونىنىڭ 5 دىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن، ئەمما شاڭخەينىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ بولسا ئۇيغۇر رايونىدىن 5 ھەسسە كۆپ ئىكەن.

ھېنرىي شاجېسكى مانا بۇ سېلىشتۇرمىنىڭمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سىياسەت ئۆزگىرىشىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىدىن چىقىش قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە: «ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا مەبلەغ سالغاندا غەربنى ئېچىش ۋە خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ بۇنىڭ يەرلىكتىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يەتكۈزىدىغان مەنپەئەتلىرىدىن سۆز ئاچاتتى. بىراق بۇ بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتى بولسا پۈتۈنلەي خەلقئارالاشقان بىر سىياسەت. ئۇ خىتاينىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن تىجارىي ئالاقىسى ۋە تەسىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ بىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى بولغان بىلەن ئۇيغۇرلارنى چىقىش قىلغان ئەمەس» دېدى.

ئۇيغۇر ئېلىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ خىتاي ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ دەرۋازىسى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنىڭمۇ خىتاي ئۈچۈن شۇنچە مۇھىملىقىنى بىلدۈرمەكتە ۋە شۇ سەۋەبلىك چېن چۇەنگو يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاياغلاشمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت ۋە بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسىدە پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندىلەر بېيجىڭدىكى قۇرۇلتايدا «خىتاي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇق مۇددىتىگە قويۇلغان چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن قارىغاندا خىتاينىڭ يەنىمۇ دىكتاتور بىر يولغا قاراپ ماڭىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەتنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا كېڭىيىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن»، دېيىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.