ئانالىزچىلار: «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى كۆز بويامچىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.10.27
islamda-uyghur-mesilisi-lager-sim-tosuq.jpg ئىسلام تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشتە ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشلەنگەن كارتون. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Yettesu

ئەرەب-ئىسلام ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلىۋاتقان ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينى قوللاۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇ دۆلەتلەرنى ئىقتىساد جەھەتتىن بېقىندۇرۇپ قويۇش بىلەن بىرگە يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىۋاتقانلىقى، يەنى ئىسلامىي تەشكىلات ۋە ئەرەبچە تەشۋىقات نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى تەتقىقاتچىلار ۋە سىياسىي كۆزەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكادىكى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئىنستىتۇتى تور بېتىدە «ئەرەب دۇنياسىدىكى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى: شىنجاڭدىكى جىنايەتكە سۈكۈت قىلىشقا ھەسسە قوشۇۋاتقان يۇمشاق كۈچ» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشتە ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى 1953-يىل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇرھان شەھىدى بۇ جەمئىيەتنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان؛ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە بۇ جەمئىيەت ئىشتىن توختىغان. 1979-يىل سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «سوۋېت جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا يېقىنلىشىش» ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتنىڭ ئورنىنى قايتىدىن تىكلىگەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن بۇ جەمئىيەت خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى ئىسلام ئەللىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۆھپە قوشقان.

ھىندىستان «ئىقتىساد گېزىتى» تورى يېقىندا «خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى تەشەببۇسىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن تالىبانلار ئۇيغۇرلاردىن ۋاز كەچتى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ پاكىستانغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپلا قالماي، ئافغانىستانغىمۇ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىدىن پايدىلانماقچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. خىتايچە «مۇسۇلمانلار تورى» نىڭ 2019-يىل 8-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ئافغانىستان ھەج ۋە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەكنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، سۆھبەت داۋامىدا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2016-يىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى «دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى قوزغىغاندا، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بۇنىڭغىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، 2018-يىلدىن 2022-يىلغىچە 5 يىل ئىچىدە ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش خىزمەت پىلانىنى تۈزگەن. «مەسچىتلەردە تۆتنى قىلىش»، يەنى خىتاي كومپارتىيەسى بايرىقى ئېسىش، خىتاينىڭ دىن ئىشلىرى قانۇنىنى سۆزلەش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىش، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى تېگىدىن رەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنى ئۆز سىياسىتىگە بويسۇندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئىسلامنى ئۆز سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ، شۇڭا بۇ تەشكىلاتلار ئەرەبچە ئىسلامىيەت بىلەن خىتايچە ئىسلامىيەتنى ئايرىپ قارايمىز دەيدۇ. خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئەرەبلەردىن يىراقلاشتۇرۇش باھانىسىدە ئۇلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنىمۇ يوق قىلىۋاتىدۇ.»

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشتا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدىن مۇھىم ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر قېتىملىق باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇپ كەلگەن، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ئۇيغۇرلار توغرىلىق يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. مەسىلەن، 2009-يىل ئۈرۈمچىدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىسلامىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «ئالىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى» تۇنجى بولۇپ خىتاينى زىيارەت قىلغان. 57 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان، ئۆزىنى «دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاۋازى» دەپ ئاتايدىغان بۇ تەشكىلات ۋەكىللىرى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەن؛ بېيجىڭ، نىڭشيا ۋە ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، كاتتا مېھمان بولۇپ قايتىپ كەتكەن؛ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان پاجىئە توغرىلىق ھېچنېمە دېمىگەن، بەلكى ئىسلام دۇنياسىغا «ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى» دېگەن خاتا ئۇچۇرنى بەرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەلچىخانىسى تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىل 1-ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىسلامىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن كاتىپىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن. شۇ يىلى 3-ئايدا ئىسلامىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى، 5-ئايدا بولسا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن. شۇ يىلى 9-ئايدا ۋاڭ يى ب د ت نىڭ بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىسلامىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشكەن. 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ-كۆلەمدە باستۇرغاندىن كېيىن ئىسلامىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەسلەپتە بۇ ئىشقا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، 2019-يىل 4-ئايدا پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خىتاينى قوللايدىغان تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى ئۈندەككە كەلتۈرۈشتە يەنە خىتاي دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭ قارىمىدىكى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دىنىي زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يېقىنقى يىللاردىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى پۇل بىلەن قىزىقتۇرۇش، تەشۋىقات بىلەن ئالداش، دىپلوماتىيە بىلەن بېسىم قىلىش، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ئارقىلىق خىزمەت ئىشلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشقا، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلاش ۋە ئۇنى قوللاشقا سەپەرۋەر قىلغان ۋە مەقسىتىگە يەتكەن. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىل مىسىردا ئوقۇۋاتقان نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە يېقىندا ھىندۇنېزىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشى ۋە باشقا مەلۇم بولمىغان نۇرغۇن پاجىئەلەر خىتاينىڭ ھەر قانداق ۋاسىتىنى قوللىنىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۆلەت ئۆمەكلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلىشى تامامەن ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن بولۇپ، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مەسلىھەتچىسىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىكى «گۈزەل تەسىراتى» ئەنە شۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ھالبۇكى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بۇ خىل ئۆمەكلەرنى كۈتۈۋېلىشقا قاتنىشىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىزچىل ھەمراھ بولىدۇ.

يۇقىرىقى ماقالىدە يەنە خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى دىپلوماتىيە ۋە ھەج پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەج ئۆمىكى تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىگە تاپشۇرغان بولۇپ، خىتاي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىش ھوقۇقى يوق. ھەج قىلىدىغانلارنىڭ ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق پۇقرا بولۇشى شەرت.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ھەجگە تەشكىللەپ ئېلىپ كەلگەن خىتاي مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار ئىچىدىن ئۆزىگە سادىق بىر قىسىم كىشىلەرنى تاللاپ ھەجگە ئېلىپ كېلىشى خىتاينىڭ ئالدامچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى، بۇ ھاجىلارنىڭ ھەقىقەتەن ھەج قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. خىتاي مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئەنە شۇ ھاجىلاردىن پايدىلىنىدۇ.»

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى زىچ بىرلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدەك بىر ئورگاننىڭ كەم بولسا بولمايدىغان رولىدىن، يەنى خىتاينىڭ ماھىيىتىنى نىقابلايدىغان يۇمشاق كۈچ بولۇش رولىدىن تولۇق پايدىلىنىدۇ. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى يېتەكچى، خىتاي دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنى باشقۇرغۇچى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنى بولسا ۋاسىتە، يەنى يۇمشاق كۈچ قىلىپ تۇرۇپ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى خىتاي ئۈچۈن سۆزلەيدىغان، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۈكۈت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرۇشقا داۋاملىق تىرىشىدۇ.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭمۇ بۇنىڭغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. شۇنداقتىمۇ ھازىر بەزى خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئېلىپ چىقىش، ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش توغرۇلۇق كېلىشىم ئىمزالىغان. ئۇ بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ئىسلام ئەللىرىدىكى خەلق تېخى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تولۇق تونۇپ يەتمىدى، ئىسلام تەشكىلاتلىرى مۇسۇلمان خەلققە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىشتا ۋە شۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.