مۇستافا ئاقيول: «ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹يېتىم› قالدۇرۇلۇشى ئېچىنارلىق بىر ئەھۋال»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.02.02
مۇستافا ئاقيول: «ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹يېتىم› قالدۇرۇلۇشى ئېچىنارلىق بىر ئەھۋال» ئىسلام تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشتە ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشلەنگەن كارتون. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
Yettesu

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 19-يانۋار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، غەرب دۇنياسى ۋە شۇنداقلا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق شەكىلدە داۋام قىلىدىغانلىقى خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.

ئامېرىكانىڭ بۇ قارارنىڭ ئىزچىللىقى ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئۆز مەۋقەسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە: «جوۋ بايدىنمۇ پرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە ‹خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى نەق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، › دېگەنلىكى ۋە بايدېننىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلۇقى» نى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش، دۆلەت سىرتىدا ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قارارىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىش ئازلايدۇ.»

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى قارارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ئۆز نۆۋىتىدە غەرب دۇنياسىدىمۇ زور تەسىر قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. 28-يانۋار كۈنى كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۈچ نەپەر پارلامېنت ئەزاسى كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. باش مىنىستىر ترۇدۇ ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە پات يېقىندا تېگىشلىك باسقۇچلار ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە رەسمىي قارار ئالىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامىنتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىكنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇش ۋە خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توختىتىش چاقىرىقى ئاساسلىق تىمېلارنىڭ بىرى بولغان.

يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن تاشقىي سىياسىتىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنداقتا، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتنىڭ باستۇرۇش نىشانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە، تۈركىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 1-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ سىياسىتىگە بولغان تەسىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتىكەن.

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيەدە تەخمىنەن 50 مىڭدەك ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار بىلەن تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يېقىن باغلىنىشقا ئىگە بولغان تۈركىيە نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ سىياسىي ھەم دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ «پاناھگاھى» بولۇپ كەلگەن.

گەرچە تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا 2017-يىلى تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» تېخى رەسمىي يوسۇندا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يىقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا چېتىپ تۇتقۇن قىلىشىنىڭ كۆپىيىپ قىلىشى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەندىشىگە سالغان. كۆزەتكۈچىلەر ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كۈچەيگەنسېرى بۇ «پاناھگاھ» نىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ ماڭىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ئامېرىكادىكى «كاتو ئىنستىتۇتى» ناملىق سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول ئەپەندى ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› مەسىلىسى مۇسۇلمان دۇنياسىدىمۇ ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك ئىدى. مۇسۇلمان دۇنياسى ئوچۇق-ئاشكارا پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىسە، خىتاينى بۇ قىلمىشى ئۈچۈن سوراققا تارتىش ئاسان بولاتتى. چۈنكى، مۇسۇلمانلار كۆپ ياشايدىغان دۆلەتلەردە خىتاينىڭ نۇرغۇن مەبلىغى بار. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتى. خىتاي مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى يېنىغا تارتىشقا تىرىشتى ۋە كۆرگىنىمىزدەك مەقسىتىگە يەتتى. ئۇيغۇلار مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى خەلقىئارانىڭ بىسىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم. لېكىن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ رولنى ئويناشنىڭ ئورنىغا سۈكۈتتە تۇرۇش ئارقىلىق بۇ زۇلۇمغا قاتنىشىۋاتىدۇ.»

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچىسى قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇلار فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ «ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش» نى تەنقىد قىلغان؛ فېيسىبۇكنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زۇكېربېرگقا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلغان؛ يەنە مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى بىرلىشىپ، ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئىمران خاننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسدىكى سۈكۈت قىلىشى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىمران خاننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قۇلاق يوپۇرىۋېىلىشى، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتىدۇ.»

ئىمران خاننىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى «پاكىستان-خىتاي ئارىسىدىكى ئىچكىي مەسىلە،» دېگەن.

مۇستافا ئاقيول ئەپەندى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە يىقىنلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «دۇنىيادا ئامېرىكانىڭ ھەممە نەرسىسىگە نەپرەت بىلەن قارايدىغان ۋە دۇنيانىڭ سىياسىتىگە بۇ چۈشەنچە بىلەن پىكىر قىلىدىغان، ئامېرىكا خىتاي بىلەن قارشىلاشقانلىقى ئۈچۈن خىتاينى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىقىم بار. بۇ خاھىش ئىسلام دۇنياسىدا، بولۇپمۇ تۈركىيەدە تېخىمۇ كۈچلۈك. بۇ خىل بىر تەرەپلىمە قاراش قاراش ناھايىتى ئىغىر ھەقسىزلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە ۋە ھەقىسىزلىققا كارى بولماسلىققا سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن.»

كۆزەتكۈچىلەر ئىمران خاننىڭ «ئىسلام دۈشمەنلىكى» نى ئەيىبلىگەنلىكى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشى پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىق، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

مۇستافا ئاقيول ئەپەندى ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى «جىم تۇرۇۋىلىش» پوزىتىسىيەسىنى مۇنداق شەرھىلىدى: «تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى خىتايغا بۇنچىلىك يىقىن تۇتۇشى ۋە ئىستىراتىگىيە جەھەتتىن ئۆزىنى خىتايغا يېقىنلاشتۇرۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ دېموكراتىيەدىن ئۇزاقىلىشىپ مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىندۇر. ئىسلامى ۋە مىللى سەزگۈرلۈكىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشقا تىرىشىۋاتقان پارتىيەلەر ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنچىلىك ‹يىتىم› قالدۇرلۇشى ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنارلىق بىر ئەھۋال.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.