ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019-12-09
Share

7-دېكابىر، يەنى شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «پىكىردە بىرلىك: پەزلەتلىكلەر مۇنبىرى» تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

ئىستانبۇلنىڭ ئاۋات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئەيۇپ رايونىدىكى ئەيۇپ سۇلتان جامەسى ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق تۈرك بايرىقى ۋە بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ، خىتايغا قارشى داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

«پىكىردە بىرلىك: پەزلەتلىكلەر مۇنبىرى» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تۈركىيە ياشلار ۋەخپى، ئەنسار ۋەخپى، يەسەۋىي ئالپەرەنلەر تەشكىلاتى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى قاتناشتى. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنىڭ سانى 500 دىن ئاشتى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

نامايىش جەريانىدا «پىكىردە بىرلىك: پەزلەتلىكلەر مۇنبىرى» غا ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. باياناتنى يەسەۋىي ئالپەرەنلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۇرشات مىجان ئوقۇدى. كۇرشات مىجان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇرشات مىجان بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا قارشى سۈكۈتتە قالماسلىق ۋە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق.»

كۇرشات مىجان يەنە مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى كۆپىنچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باياناتلىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلمەيۋاتقان بىر ۋەزىيەت مەۋجۇت. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئەركىنلىك ۋە جان بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، ئائىلە ۋە شەخسلەرنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداش، ئادىل سوتلىنىش، ساياھەت ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە ۋە شۇنداقلا قىيىن-قىستاق، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، مال-مۈلۈكلىرى تارتىۋېلىنىشى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چېقىلىش ھەمدە مىللىي قىممەتلىك قاراشلىرىدىن مەرھۇم قىلىنىش جەھەتلەردە كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يوق قىلىشنى كۆزلەۋاتقان قىزىل تېررورچى خىتاي دۆلىتى نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە نۇرغۇن مەسچىت ۋە تارىخىي يادىكارلىقلارنى چېقىۋەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ جان تومۇرلىرى بولغان ئالىملىرىمىزنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، كۆپىنچىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.»

كۇرشات مىجان دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «21-ئەسىردە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغان جازا لاگېرلىرىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىز مۇسۇلمانلىق ۋە تۈركلۈك كىملىكىنى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆزىگە خاس پۈتكۈل ئالاھىدىلىكلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلانماقتا. ئېغىر بېسىم ۋە قىيىن-قىستاق ئاستىدا ئىڭرىماقتا. مىڭلارچە كىشىلەر ئۆلتۈرۈلمەكتە. دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى بۇ زۇلۇمنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمىز.»

بايانات ئوقۇلغاندىن كېيىن سىيەر تارىخ ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى، يازغۇچى مۇھەممەت ئىمىن يىلدىرىم ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سالام يوللاش بىلەن باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەزىز قېرىنداشلىرىم! بۇ يەردە سىلەرگە زۇلۇمنى ئاڭلاتمايمەن، بۇ يەرگە توپلانغان قېرىنداشلىرىم زۇلۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى مەندىن تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. مەن زۇلۇمنى ئۇلاردىن ئاڭلايمەن، چۈنكى ئۇلار زۇلۇمنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.»

مۇھەممەت ئىمىن يىلدىرىم سۆزىدە «زالىملار ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇملىرى ئىچىدە يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقى» ھەققىدە تەسىرلىك بايانلارنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى.

مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيا سۈكۈتتە قېلىشى مۇمكىن. نېفىت يوق، پايدا-مەنپەئەت يوق دەپ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بىز مۇسۇلمانلار مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولىمىز. مەزلۇملار قەيەردە بولسا، بىز ئۇ يەردە بولىمىز. كىم زالىم بولسا، بىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز. بەدىلى نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنى ئۆتەشكە ھازىر بولۇپ پۈتكۈل مەزلۇملارنىڭ ياڭراق ساداسى بولۇپ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى دۇنياغا جاكارلايمىز. زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىتاينى، سېتىلغان ئەرەب كاتىباشلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىمىز، ھېچ بىر زامان زالىمنىڭ يېنىدا بولمىغانلىقىمىزنى ياڭراق ئاۋاز بىلەن دۇنياغا نىدا قىلىمىز.»

كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللانغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇننىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ماقۇللىنىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر خەلقىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇ نامايىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، ھاۋانىڭ سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق بولۇشىغا قارىماي 500-600 ئەتراپىدا كىشىنىڭ نامايىشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيە خەلقى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا نامايىش ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت