ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021.12.08
ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 5-دېكابىر، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

5-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر ئىلىم ۋە تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر دېگەن تېمىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ۋەكىللىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى زىيالىيلار ۋە ئۆلىمالار قاتناشتى.

بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قىلىشقا تېگىشلىك قانداق خىزمەت پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟ بىز بۇ سوئالنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئسى دوكۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت ئابدۇرېشىت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ يىغىندا، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بەزى كۆز-قاراشتىكى ئوخشاشماسلىقلارنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ ئورتاق نۇقتىلاردا بىرلىشىشنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھەمىت قاراخان بۇ يىغىندا مۇزاكىرىلەر توغرىسىدا توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنىڭ تېخىمۇ كونكېرتلاشتۇرۇلۇشى، تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتە پىلانلىق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمت ئەپەندىمۇ بۇ يىغىن توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، يىغىندا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتە تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق پىكىرگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىندا يەنە مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن دۇنيا ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا تەشكىلاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت-پائالىيەتلەر توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئابدۇلھەمىت قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا يەنە تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىك ۋە ئىختىلاپلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەرەللىك بىر شەكىلدە يىغىلىپ ئورتاق مەسىلىلەر ئۈستىدە بىرلىكتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

يىغىن ئەتىگەندىن كەچكىچە پۈتۈن كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، بۇ خىل يىغىنلارنىڭ داۋاملىق ئېچىلىشى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.