ئىتالىيە پايتەختى رۇمدا شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.03.22
Uyghur-Tibet-Birleshme-Namayish-2019-Italiye-02.jpg ئىتالىيە پايتەختى رۇمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ شى جىنپىڭغا قارشى نامايىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 22-مارت. رۇم، ئىتالىيە.
RFA/Ekrem

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 4 كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن 21-مارت كەچتە ئىتالىيەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ 22-مارت ئىتالىيە پرېزىدېنتى سەگىيو ماتتارېللا بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

مەتبۇئاتلاردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئىتالىيە زىيارىتىنىڭ مەقسىتى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىلىك قۇرۇلۇشىدا ئىتالىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن. ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت ئىچىدە پولشا ۋە گىرېتسىيە بۇ قۇرۇلۇشقا ئىمزا قويغان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىغا شۈبھە بىلەن قاراپ كەلگەن ھەمدە بۇ قۇرۇلۇش ياۋروپا ئىتتىپاقىنى زور ئىقتىسادىي كرىزىسقا باشلىشى مۇمكىن، دېگەن گۇمانلارنى ساقلاپ قالغان. 

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئىتالىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنى قوبۇل قىلمايۋاتقان گ-7، يەنى تەرەققىي قىلغان 7 دۆلەتنىڭ ئىشىكىنى ئاچماقچى بولغان. 

ئەمما ئۇنىڭ ئىتالىيە زىيارىتى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن 21-مارت كېچىلەپ يولغا چىققان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار 22-مارت رۇمغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكى تىبەتلەر ۋە يەرلىك خەلقلەر بىلەن بىرگە شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن رۇمدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 

بۇ قېتىمقى نامايىشقا بىريۇسسېلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق خادىمى شەھرىزاتمۇ كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ نامايىش مەيدانىدا جازا لاگېرلىرى توغرىلىق نۇتۇق سۆزلەپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئىتالىيە خەلقىگە خىتاي زۇلۇمىنى پاش قىلىش، خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. 

بۇ نامايىش جەريانىدا تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار شى جىنپىڭغا، خىتاي زۇلۇمىغا ۋە جازا لاگېرلىرىغا قارشى شوئارلار توۋلاشقان. د ئۇ ق خادىمى شەھرىزات بولسا ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا قوغلاشماي، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىپ، نۇتۇقلار سۆزلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىتالىيە زىيارىتىدىن كېيىن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. بۇ ئۇچرىشىش 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي تەرەپ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنىڭ تەييارلىق قەدەم باسقۇچلىرى ھېسابلىنىدىكەن. بىراق شى جىنپىڭنىڭ ۋاتىكاندىكىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان ياكى كۆرۈشمەيدىغانلىقى تېخى نامەلۇم ئىكەن. خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار سەۋەبلىك ۋاتىكان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان سوغۇقچىلىق ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.