بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل ۋە ئانتۋەرپەن شەھەرلىرىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا. 2019-يىلى ئۆكتەبىر، بېلگىيە.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا. 2019-يىلى ئۆكتەبىر، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ياخشى تەسىر قوزغىغان.

9-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن ياۋروپادىكى ئىككى ھەپتىلىك پائالىيىتىنى باشلىغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم 18-ئۆكتەبىردە چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى 10 كۈنلۈك پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ كەلگەن.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر جەمئىيەت ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل ۋە ئانتۋەرپەن شەھەرلىرىدە ئوخشىمىغان مەزمۇندا 4 كۈنلۈك پائالىيەت تەشكىللىگەن.

ياشار ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، 18-ئۆكتەبىر ئامېرىكانىڭ بريۇسسېلدىكى ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ناھايىتى تەسىرلىك بولغان. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكانىڭ پىراگادىكى ئەلچىخانىسىدا دوكلات بەرگەن روشەن ئابباس خانىم، بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان بۇ يىغىندا يالغۇز جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ قالماستىن، خىتاينىڭ ھازىر غەرب قىممەت قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە 480 دىن ئارتۇق ‹كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى» نى قۇرۇپ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەنى تەرغىب قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ غەربكە كېڭىيىش قارا نىيىتىنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەم غەرب كىشىلىرىنى ئويغىنىشقا چاقىرغان.

د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىمۇ 18-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بريۇسسېلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە بەكرەك تەسىر قىلغان پائالىيەتنىڭ بېلگىيەدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «يېڭى فلامىن ئىتتىپاقى پارتىيەسى» نىڭ مەركىزىدە 19-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن ۋە بۇ يىغىندا مەزكۇر پارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلغانلىقى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە كۆپلەپ قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشار ئەپەندىمۇ «يېڭى فلامىن ئىتتىپاقى پارتىيەسى» نىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ كۆپ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا داخىل بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بۇندىن كېيىن بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېلگىيەنىڭ ئانتۋەرپەن شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئەكپەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىسلەرنى 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئانتۋەرپەن شەھىرىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ يىغىلىشتا نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە دائىر مەسىلىلەر سۆھبەت تېمىسى بولغان.

ياشار ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، يىغىندا د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى بىريۇسسېل بىلەن ۋاشىنگتوندىن ئىبارەت دۇنيانىڭ ئىككى سىياسىي مەركىزىدە ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ يوللىرى توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خادىملىرى شۇ كۈنى كەچتە يەنە مەركىزى گوللاندىيە بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نى زىيارەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت