ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى جەنۇبىي دېڭىزغا كىردى

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.04.11
ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى جەنۇبىي دېڭىزغا كىردى 2021-يىلى 10-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى جەنۇبىي دېڭىزغا كىردى.
Social Media

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دېڭىز خەلق ئەسكەرلىرى فىلىپپىننىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا بېسىپ كىرىپ، رايون ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن مەزگىلدە، ئامېرىكانىڭ بىر ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى ۋە بىر ھەممەباپ (قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا تەڭ جەڭ قىلىشقا تەييار) ئۇرۇش پاراخوتى گۇرۇپپىسى جەنۇبىي دېڭىزغا كىرگەن ۋە مانېۋىر باشلىغان.

ئامېرىكا 7-فلوتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10-ئاپرېل جەنۇبىي دېڭىزغا كىرگەن ئامېرىكا قىسىملىرى، تېئودور روزۋېلت CSG ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى، ماكىن ئارىلى ARG–15 ھەممەباپ ئۇرۇش پاراخوتى گۇرۇپپىسى، دېڭىز ئارمىيە پىيادىلىرىنىڭ دېڭىز ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىكەن.

فىلىپپىن دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ دېڭىز خەلق ئەسكەرلىرىگە تەۋە 44 پاراخوت فىلىپپىننىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدىكى ۋىتسۈن مارجان ئاراللىرى ئەتراپىغا توپلانغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ «دېڭىز خەلق ئەسكەرلىرى» رەسمىي ھەربىي قوشۇن بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە مالىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان قوراللىق كۈچ بولۇپ، خىتاي بۇلارنى خىتايغا دېڭىز ئارقىلىق چېگرىلىنىدىغان ئەللەرگە بېسىم ئىشلىتىش ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەن ئىكەن.

بۇ يىل مارتتا، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى 200 دىن ئارتۇق كېمىسى ناچار ھاۋارايىدىن پاناھلىنىش باھانىسىدە، فىلىپپىنغا تەۋە ئارال ئەتراپىغا يۆتكەلگەن.

جۈمە كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوكسىن بىلەن تېلېفونلاشقاندا، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ۋىتسۇن مارجان ئاراللىرىغا توپلىنىشىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ۋاشىنگتون بىلەن مانىلا ئوتتۇرىسىدىكى «ئۆز-ئارا مۇداپىئە شەرتنامىسى» نىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا قوللىنىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن ئەگەر فىلىپپىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئامېرىكىنىڭ ئۇنى قوغداش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش «دېڭىز خەلق ئەسكەرلىرى» پاراخوتلىرىنىڭ خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.