يۈزلەرچە ئۇيغۇرلار جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.05.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
jenwe-namayish-dolqun-eysa.jpg

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى، تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خەلقئارالىق نامايىشتا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 13-ماي، جەنۋە. RFA/Ekrem

jenwe-namayish-may-2022-1.jpg

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى، تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىش. 2022-يىلى 13-ماي، جەنۋە. RFA/Ekrem

jenwe-namayish-may-2022-2.jpg

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى، تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىش. 2022-يىلى 13-ماي، جەنۋە. RFA/Ekrem

jenwe-namayish-may-2022-3.jpg

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى، تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىش. 2022-يىلى 13-ماي، جەنۋە. RFA/Ekrem

jenwe-namayish-may-2022-4.jpg

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى، تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىش. 2022-يىلى 13-ماي، جەنۋە. RFA/Ekrem

jenwe-namayish-may-2022-5.jpg

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى، تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىش. 2022-يىلى 13-ماي، جەنۋە. RFA/Ekrem

jenwe-namayish-may-2022-6.jpg

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى، تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خەلقئارالىق نامايىشتا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 13-ماي، جەنۋە. RFA/Ekrem

jenwe-namayish-may-2022-7.jpg

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى، تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىش. 2022-يىلى 13-ماي، جەنۋە. RFA/Ekrem

5-ئاينىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىغا تەكشۈرۈشكە بارىدىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ۋە ئۇنى خىتاينىڭ يالغان سەھنە ھازىرلاپ ئالدىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. د ئۇ ق ئوخشاش مەقسەتتە بۈگۈن، يەنى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا خەلقئارالىق بىر نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى ۋە تەلەپ-ئىستەكلىرىنى نامايەن قىلدى.

ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدىن كەلگەن يۈزلەرچە ئۇيغۇرلار بۈگۈن 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر سائەت 10:00 دا جەنۋەدىكى ب د ت باش شىتابى ئالدىغا توپلانغان. ئۇلار ئۇزۇن سەپ ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك شۇئارلارنى توۋلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارى بىناسىنىڭ ئالدىغا قەدەر يۈرۈش قىلغان. ئالىي كومىسسار بىناسى ئالدىدىكى نامايىش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىستىقلال مارشىدىن كېيىن نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت دىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ب د ت نى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە، «بىز بۈگۈن مىشېل باچېلېتنىڭ ئالدىغا يالۋۇرغىلى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ھېساب سورىغىلى كەلدۇق، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ب د ت نىڭ مەسئۇلىيىتى» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

نامايىشقا تىبەتلىكلەر ۋە كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشقان. دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزىدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەشكەن ۋە ب د ت دىن ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھازىرلانغان دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەلەب قىلىشقان.

بىز بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىلىق تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئەللەردىن كېلىپ نامايىشقا قاتناشقان بىرقىسىم سىياسىي ئاكتىپلارنى زىيارەت قىلدۇق. ئامېرىكادىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان مەركىزى ۋاشىڭتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۇشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنىڭ يالغۇز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭلا ئەمەس، ب د ت نىڭ بارلىق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. گېرمانىيەدىن كېلىپ نامايىشقا قاتناشقان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

نامايىشنىڭ ئاخىرىدا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق بىر گورۇپپا كىشى مىشېل باچېلېتنىڭ ئىشخانىسىغا 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ئىمزالىق خېتىنى، جازا لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ۋە جازا لاگېرلىرى جايلاشقان ئورۇنلارنىڭ ئادرىسىنى تاپشۇرغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ نامايىشنىڭ مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولىدۇغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.