ئۇيغۇر رايونىدىكى ج خ ئىدارىسى يېرىم يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
2004.07.22
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى ئاخپارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ -2004 يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى جەمئيەت مۇقىملىغىنى ساقلاش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ 3خىل كۈچكە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغانلىغىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىغىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، دوكلاتتا بۇ يىل -1ئايدىن -6 ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەمئي 49295 دېلونى تۇرغۇزغانلىغىنى ۋە بۇنىڭ ئارىسىدا 22053 دېلونى پاش قىلىپ، پاش قىلىش نىسبىتىنى 44.7% كە يەتكۈزگەنلىگىنى مەلۇم قىلغان.
دوكلاتتا “3 خىل كۈچ” كە قاتتىق زەربە بېرىشتىن سىرت يەنە، باشقا قارشى كۈچلەرنىڭ زىيان سېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىغى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما ئۇنىڭدا بۇ 3 خىل كۈچلەرگە مۇناسىۋەتلىك دېلولار ياكى ئۇنىڭغا چېتىلغۇچى شەخسلەر ئۈستىدە كونكېرت توختالمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەرخىل نام ئاستىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خەلقارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىزچىل ئەيىپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورىزىم نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىغى تەكىتلەنمەكتە