كانادادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تەدبىر ئالماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.02.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان-قىلمىغانلىقى» نى قارار قىلىدۇ كانادا پارلامېنتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 25-يانۋار، ئوتتاۋا، كانادا.
REUTERS

چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا، خىتايغا ھەمكارلاشقان ياكى ئ‍ۆزىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان دۆلەتلەرنىمۇ جاۋابكارلىققا تارتماقتا. كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» دەل بۇ خىل مېخانىزىمغا ئىلتىجا قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» ئۆتكەن ھەپتە كانادانىڭ مونتېرىيال شەھرىدىكى بىر فېدىرال سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانماسلىق، ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيىىتىنى ئادا قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئەرزنامىدە يەنە سوتنىڭ خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېنىقلىما بېرىشى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىغا چارە-تەدبىر كۆرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر دېلونىڭ مونتېرىيال شەھىرىدىكى ئادۋوكاتى فىلىپ لاروچېل (Philippe Larochelle) نىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئەرز كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

فىلىپ لاروچېل 8-يانۋار كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ ئەرز كانادانىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھېچقاندا ئىش قىلمىغانلىقىغا ئائىتتۇر. شۇڭا بۇ ئەرز سوتچىدىن كانادانىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى يېتەرلىك ئادا قىلماي، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشىنى قوغلىشىدۇ. چۈنكى كانادا ھۆكۈمىتى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ھېچقانداق ئىش قىلمىدى. بۇ ئەرز سوتقا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كانادا ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.»

فىلىپ لاروچېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى كانادا تۇپرىقىدا يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق كانادا خەلقئارا ئەھدىنامىغا ئىمزا قويغان ۋە ئۇنى تەستىقلىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە بۇ خىل جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى بار ئىكەن. فىلىپ لاروچېل مۇنداق دېدى: «كانادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئ‍ەھدىنامىسىنى ئىمزالىغان ۋە ئۇنى تەستىقلىغان. ئەگەر سىز بۇ ئەھدىنامىنى ئىمزالىغان بولسىڭىز، بۇنداق ئېغىر جىنايەت سادىر قىلىنسا، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىڭىز بولىدۇ. شۇڭا كانادانىڭ ئۇنىڭغا ئىمزا قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە بۇ جىنايەت ھەرقانداق جايدا، ھەتتا خىتايدا يۈز بەرسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى بار.»

فىلىپ لاروچېلنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار ئەرزنامىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍ىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بىر تىزىملىك سۇنغان.

فىلىپ لاروچېل بۇ تىزىلىك ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئەرزنامىدە بىز كانادانىڭ خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرگە ئائىت بىر تىزىملىك بەردۇق. تىزىملىكتىكى بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىرى، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتاش، ئۇنىڭدىن ئ‍ۆزىنى قاچۇرماسلىقتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا كانادا قىلالايدىغان ئىشلاردىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلماسلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قاچقانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئ‍الدىنى ئېلىش، ئۇنىڭدىن قاچقانلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق قاتارلىق تەدبىرلەر بار.»

بۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلاردىكى مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىش توغرىسىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ياكى دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي ئىچكىي قانۇن مېخانىزىمىغا ئىلتىجا قىلغان 3-دېلودۇر. كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى تۇنجى پارلامېنت بولسىمۇ، بىراق كانادا ھۆكۈمىتى بۇنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەرنى ئېلىشتا ئەزمىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەدىنامىسى دۆلەتلەرنىڭ نوقۇل ئ‍ۆزى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىنى چەكلەپلا قالماي، بەلكى باشقا دۆلەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى جازالاش ۋەزىپىسى يۈكلىگەن ئىكەن.

كانادادىكى ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ نيۇبېرگېر-جېيسېن نامىدىكى خەلقئارا توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش پروگراممىسىنىڭ پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى ۋە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ دېرىكتورى جون پەكېر(John Packer) 9-فېۋرال كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيەت پەقەت (دۆلەتلەرنىڭ) ئۆزى نوقۇل ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماسلىقىغا ياكى ئ‍ۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا قارىتىلمىغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەسىلەن، بۇ ئەھدىنامىدە كۆرسىتىلگەندەك قۇنۇن تۇرغۇزۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى چەكلەش ياكى ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان شەخسلەرنى جازالاشمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ بىرى.»

جون پەكېر يەنە خەلقئارا ئەھدىنامە دۆلەتلەرگە ھەرقانداق جايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتى ئارتقانلىقىنى بىلدۈردى. جون پەكېر مۇنداق دېدى: «(دۆلەتلەرنىڭ) يەنە بىر مەسئۇلىيىتى دۆلەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇنۇشىغا ھەمشېرىك بولۇشقا بولمايدۇ. بۇ مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ ئەڭ جانلىق نۇقتىسى. بىراق ئەھدىنامىنىڭ ئۈڭ ھالقىلىق نۇقتىسى ئۇنىڭ 1-ماددىسىدۇر. ھەتتە ئەھدىنامىنىڭ تېمىسمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش. ئۇنىڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قەيەردە يۈز بەرسە بەرسۇن، دۆلەتلەرنىڭ بىرىنچى قەدەمدە تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.»

«ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئېيتىشىچە، كانادا فېدىرال سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، رەسمىي دېلو تۇرغۇزغان بولسىمۇ، لېكىن سوت ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىگەن. كانادادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر سوت ئەرزدارلارنى ھەقلىق، دەپ ھۆكۈم قىلسا، بۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍ۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىتىدىكى نۇرغۇن بوشلۇقلارنى تولدۇرۇدىكەن.

كانادادىكى رائۇل ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ئادۋوكات يۇناھ دىياموند(Yunah Diamond) 8-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «ھۆكۈمەت بۇنىڭغا مەلۇم جەھەتتىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ. چۈنكى بۇ قارارنى دۆلەت ئىچىدىكى مۇستەقىل بىر سوت چىقارغان بولىدۇ. بۇ لوندون مۇستەقىل خەلق سوتىنىڭ چىقارغان قۇسۇرسىز قارارىدىن كېيىنكى يەنە بىر ھۆكۈم بولىدۇ. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى بىزنىڭ مۇستەقىل قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا ئ‍وخشاشلا بۇ كانادا سوتىنىڭ قارارىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا كانادا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى مەسئۇلىيىتىگە كۆز يۇمالمايدۇ.»

يۇناھ دىياموندنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دېلو ناھايىتى ئالاھىدە بىر ئەرز بولۇپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى جىددىي رېئاللىق ئىكەن. ئۇ بۇ ئەرز زاستادېللارنىڭ قارارى بىلەن بۇ جەھەتتىكى «مۇھىم بوشلۇقنى تولدۇرىدىكەن.»

ئۇ يەنە سوتنىڭ قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سوت تاغدەك توپلانغان بارلىق دەلىللەر ۋە خەۋەرلەرنى ھەمدە مەن يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكەن لوندون مۇستەقىل خەلق سوتىنىڭ قارارىنى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتىكى گۇۋاھلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ قارار چىقىرىدۇ. بۇ يەردە يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ماتېرىيال ۋە يېتەرلىك ھۆججەتلەر بار. ‹ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى› ئېھتىياجلىق دەلىللەر بىلەن تەمىنلىدى.»

خەلقئارا ئەھدىنامىدە دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق بىر جايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەپىسىنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە ئ‍ۆتۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. پەرەز قىلىنىشىچە، كانادادىكى سوتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى قاچان ئاڭلىمىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور جون پەكېر بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خەلقارا ئادالەت مەھكىمىسى دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىتىنى ئېنىق شەرھىيلىگەن. بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئېنىق شەرھىيلەنگەن. ئەلۋەتتە، ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق رەسمىي ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بېرىشى كېرەك. بولمىسا ئۇنىڭ ھېچقانداق مەنتىقىسى بولمايدۇ. دۆلەتلەرنىڭ ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئ‍ېلىش مەجبۇرىيىتى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جىددىي خەۋپى بارلىقىنى بىلىشىدىن باشلىنىدۇ. بىزنىڭ ئەرزىمىز كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاساس قىلىپلا قالماي، بەلكى كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي دەلىلىدۇر.»

مەزكۇر دېلونىڭ ئادۋوكاتى فىلىپ لورېچېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئەرزنامىدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت يېتەرلىك دەلىللەرنى يۇللىغان.

فىلىپ لورېچېل مۇنداق دەيدۇ: «بىز نۇرغۇن دەلىللەرنى يوللىدۇق. لېكىن بىز تېخى دەلىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوللاپ بولمىدۇق. چۈنكى بىز تىزىملىكىمىزدە ئالدى بىلەن كانادا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قارارىنى يوللىدۇق. ئۇلار بۇ قارارنى نۇرغۇن شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چىقارغان. بىز يەنە خىتايدىكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا شاھىت بولغان شاھىتلارنىڭ دەلىللىرىنى يوللىدۇق. شۇنداقلا بىز باشقا دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ بۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتكەن قارارلىرىنى، (لوندون) ئۇيغۇر مۇستەقىل خەلق سوتىنىڭ قارارىنى يوللىدۇق. شۇڭا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنىڭ سالمىقى ناھايىتى ئېغىر ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆپ.»

كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. كانادا ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ ھەركىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تۇنجى غەرب پارلامېنتى بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيانقى بىر يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ھەركىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان غەربتىكى ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلار ئاز دېگەندە 8 گە يېتىپ بارغان. تېخى يېقىندا فرانسىيە پارلامېتنى خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.