كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى
2021.02.23
كانادا پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتاسى 22-فېۋرال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ، ئۇنى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. بۇنىڭ بىلەن كانادا پارلامېنتى دۇنيادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان تۇنجى پارلامېنت، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ بۇ ھەركىتىنى ئامېرىكادىن كېيىن رەسمى «ئىرقىي قىرغىچىلىق» دەپ تونۇغان ئىككىنچى بىر غەرب دۆلەت ئاپپاراتى بولدى.
«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەكلىپ لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا نۆلگە قارشى 266 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللاندى. مەلۇم بولۇشىچە، تەكلىپ لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدىكى كوپچىلىك ئوكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى، شۇنىڭدەك ھاكىمىيەت بېشىدىكى لېبىراللار پارتىيەسىدىن بولغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئانتونى روتا يىغىندا ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى خۇلاسىلاپ، كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئانتونى روتا مۇنداق دېدى: «ئاۋام پالاتاسىنىڭ پىكىرىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەركىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى ب د ت ئومۇمى كېڭىشىنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى› دەپمۇ ئاتالغان 260-نومۇرلۇق قارارىدىكى قىلمىشلار بىلەن بىردەك، دەپ قارايدۇ.»
ئانتونى روتا يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاقداش ئەللەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشنى رەسمىي سىياسەت قىلىپ بېكىتىشنى، ھەر ئىككى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىردەك ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنى بۇ قارارنى رەسمىي قوبۇل قىلىشقا چاقىرىدۇ،» دېدى.
ئىلگىرى كۆزەتكۈچىلەر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغان كونسېرۋاتىپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل چوڭ، دۈشەنبە كۈنى تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇشنىڭ بىر قانچە سائەت ئالدىدا مۇخبىرىمزىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭمۇ تەكلىپ لايىھەسىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.
مايكېل چوڭ مۇنداق دىگەن: «ھۆكۈمەت ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىمىدى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى قوللىشىغا ۋە تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئۈمىدۋار قارايمىز. ئاۋام پالاتاسىدا بولغان ئۆتكەن ھەپتىدىكى مۇنازىرە ناھايىتى كەسكىن بولدى. بىز بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن قوللىشى كېرەكلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق شەرھىلەپ ئۆتتۇق. كانادا بارلىق خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش جەھەتتە ئۇزۇن يىللىق ۋە كۈچلۈك بىر ئەنئەنىگە ئىگە. شۇڭا بىز كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ لايىھەنى قوللىشىنى چاقىرىمىز.»
22-فېۋرال كۈنى كانادا ئاۋام پالاتاسى يەنە كانادانىڭ خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىغا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يوتكەشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى 229 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 29 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن قوبۇل قىلدى. باش مىنىستىر ترۇدو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەركىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. ئۇ بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كونكىرېت دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
مايكېل چوڭ 22-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىغاندا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئېنىق ۋە يېتەرلىك دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. مايكېل چوڭ مۇنداق دىدى: «باش مىنىستىرنىڭ بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىشنى خالىماسلىقىغا مېنىڭ جاۋابىم شۇ، بىزنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنغا دائىر دەلىللىرىمىز بار، بۇ شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە يۇقىرى سۇپەتلىك سۇنئىي ھەمرا سۈرەتلىرىدىن دەلىللىنىپ، شىنجاڭدا يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە يۈزلىگەن تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.»
مايكېل چوڭ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۇغماس قىلىش، مەجبۇرى بالا چۇشۇرۇش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن سىستېمىلىق نۇپۇس كونترولى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىلىقىغا دائىر 1-قول دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇنىڭغا يەنە قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. بۇ بىر ئىرقىي قىرغنچىلىق، بۇنىڭ ئەمەلىيىتى قانداق بولسا، بىز شۇنداق ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك،» دېدى.
كانادا پارلامېنتى تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغان مەزگىلدە كانادانىڭ تورونتو قاتارلىق شەھەرلىرىدىن كەلگەن بىرەر يۈزدەك ئۇيغۇر پارلامېنت ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئاۋام پالاتا بىلەن ترۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەكلىپ لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشىنى چاقىرغان.
مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن «كانادا شەرقىي تۇركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادا پارلامېنتىنىڭ تارىخىي قارارى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش قارارلارنى ئېلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىكىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادا پارلامېنتى مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سوڭ پېيۋۇ كانادا پارلامېنتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئارقىدىنلا ماقۇللىغان. سوڭ پېيۋۇ 20-فېۋرال كانادا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «شىجاڭدا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەيدىغان بىر نەرسە يۈز بەرگىنى يوق» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، شىنجاڭ نۇپۇسى 2010-يىلدىن 2018-يىلچىچە 25 پىرسەنت ئاشقان ئىكەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە گۈلىنىشى ئۈچۈن كەسپىي تېخنىكا ۋە خىتاي تىلى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.