كانادا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.10.22
amerika-kanada-uyghur-mesilisi.jpg ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقى توغرىلىق لايىھەلەنگەن كارتون.
Yettesu

كانادا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى 21-ئۆكتەبىر كۈنى بىردەك قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلدى شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتىنى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ئىشلىتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىدا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى. كانادا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان تۇنجى غەرب ھۆكۈمەت ئورگىنىدۇر.

مەزكۇر كومىتېت چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «تۆۋەن كومىتېت شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تەرەددۇتسىز ئەيىبلەيدۇ. تۆۋەن كومىتېتنىڭ 2018-ۋە 2020-يىللىرىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن، تۆۋەن كومىتېت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىل قىلغانلىقىغا قايىل بولدى» دېيىلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەققىيات بولۇپ، بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنىڭ يولىنى ئاچىدىكەن. كانادادىكى رائول ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ سىياسىي ۋە پروگرامما دىرېكتورى، ئادۋوكات براندېن سىلۋېر 21-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىنتايىن مۇھىم تەرەققىيات. بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ قارار ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشكەن سىياسىي قوللاشتۇر. سىياسىي پارتىيەلەر بۆلۈنۈپ كەتكەن بىر سىياسىي مۇھىتتا ئۇلارنىڭ بۇ نۇقتىدا بىرلىككە كېلىشى زور مەسىلە. ھەر بىر سىياسىي پارتىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىش ھەققىدە ئورتاق نۇقتىغا كەلگەن. مەن بۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ھەرىكەتكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

كانادا پارلامېنتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىنىڭ قارارىدا ئىككى نۇقتا ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. ئۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستان ۋە شىنجاڭ دېگەن ئىسىم تىرناق ئىچىدە تەڭ ئىشلىتىلگەن شۇنداق خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا-تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ كەلگەن ئورۇنلار «جازا لاگېرلىرى» دەپ ئاتالغان. قاراردا يەنە كانادانى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپلا قالماي، ئۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلىدۇ» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا، ئىتتىپاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىلغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، كانادا پارلامېنتى تۆۋەن كومىتېتىنىڭ قارارىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە يارىتىپ بېرىدىكەن. بۇ سۆزلەرنى كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى 21-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئەگىشىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئىكەن. ئۇ: «ۋەتىنىمىزدە بولغان بۇ زۇلۇمنىڭ ئىسمىنىڭ قويۇلۇشى گەرچە ئۇ يەردىكى قۇربانلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسىمۇ، ھېچ بولمىسا زۇلۇمنىڭ ئىسمى قويۇلغان بولدى» دېدى.

مەمەت توختىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي قاراردىكى «قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئۆزگەرتىشكە كۆپ ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋەپپەق بولالمىغان. مەمەت توختى: «شۇ سۆزنى يۇمشىتىشقىمۇ بۈگۈن جىق ھەرىكەت بولدى. يەنە بۇ يەردە خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان چوڭ شىركەتلەر بار. ئۇلارنىڭ لوبى كۈچى بار. شۇڭا خىتاي ھەممە كۈچىنى ئىشقا سالدى، قىرغىنچىلىق، دېگەن سۆزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، لېكىن كومىتېت ئەزالىرى ئۇنىمىغاچقا ئۆزگەرتەلمىدى».

كانادا پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن كومىتېتى خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سوڭ پېيۋۇ ئۆتكەن ھەپتە كانادا پارلامېنتى ئەزالىرىنى ئەگەر ئۇلار خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلسا، بۇنىڭ ئېغىر بەدىلى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئارقىدىنلا بۇ قارارنى چىقاردى. كانادا باش مىنىستىرى تېرۇدو ئۆتكەن جۈمە كۈنى سوڭ پېيۋۇنىڭ سۆزىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى داۋاملىق تىلغا ئالىدىغانلىقى، خىتاينىڭ «مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى» گە تېز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارارىغا تېرۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. رائول ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىدىكى براندېن سىلۋېرنىڭ تەكىتلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى تۆۋەن كومىتېتنىڭ چاقىرىقىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.

براندېن سىلۋېر مۇندا دەيدۇ: «ھۆكۈمەت تۆۋەن كومىتېتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشى، ھۆكۈمەت سۈپىتىدە ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىدىكى قانۇنى تەبىرلىرىگە چۈشىدىغان بۇ قىلمىشنى رەسمىي يوسۇندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇش بىلەن قالماي، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى، ماگنىتىسكي قانۇنىنى ئىشقا سېلىشى لازىم».

كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چاقىرىقىدا ماگنىتىسكىي قانۇنىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىپ، ئوتتاۋا ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشىدا جاۋابكارلىقى بار بارلىق خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى» غا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، ئۇيغۇر ئەمگەك كۆچلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىپ «پايدا ئېلىۋاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى جازالاش مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشنى چەكلەش» قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كانادا پارلامېنتى تۆۋەن كومىتېتىنىڭ قارارى دەرھال ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تۆۋەن كومىتېتنىڭ قارارى «ئۇيغۇر كرىزىسىنىڭ ئېغىر ۋە جىددىيلىكىنى ئېتىراپ قىلىش يولىدىكى مۇھىم قەدەم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، «ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىشى ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدە جىددىي ۋە كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشتەك ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنى يۈكلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.