ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «تۇتقۇن قىلىنغان ۋە يوقالغانلار: ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان زىيالىيلار»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەخرىي پروفېسسورلۇق گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۆرۈنۈشى. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
«بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەخرىي پروفېسسورلۇق گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۆرۈنۈشى. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ئاللىقاچان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

شۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلارنىڭمۇ بارلىقى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تېخىمۇ قوزغىماقتا. ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلار بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا، ئۇنىڭ خەلقئارادا پۇت تىرەپ تۇرالىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ سەرخىللىرى بولغان زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىندى دېمەكلىك شۇ مىللەتنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە سەركىلىرى قىرقىپ تاشلاندى دېمەكلىكتۇر.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا 21-ماي «تۇتقۇن قىلىنغان ۋە يوقالغانلار: ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان زىيالىيلار» تېمىسىدا بىر دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا 2017-يىلى ئاپرېلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان، جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئاز دېگەندە 435 ئادەم ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان شۇنداقلا بۇ 435 ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان زىيالىيلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سانى ۋە ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان دوكلاتتىن ئۈچنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىرى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىكى دوكلات بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 231 نەپەر زىيالىي ئېنىقلاپ چىقىلغان. بۇ يىل يانۋاردىكى ئىككىنچى قېتىملىق دوكلاتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ئېنىقلانغان زىيالىيلاردىن 107 سى قوشۇلۇپ، ئومۇمىي سان 338 كە يەتكەن. ئۈچىنچى قېتىملىق دوكلات بۇ يىل مارتتا ئېلان قىلىنىپ، ئومۇمىي سان 386 گە يەتكەن ئىدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجىۋىسكى ئەپەندى بۇ قېتىملىق دوكلاتنىڭ ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىقىغا ئوخشىمايدىغان نۇقتىلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان 4-قېتىملىق دوكلاتىمىز بولۇپ، بۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇرۇنقىدىن 70 ئادەم كۆپ. قارايدىغان بولساق، ھازىرغا قەدەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئىزچىل كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئېنىقلىغان ئۇچۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە جېنى بونن توپلىغان سانلىق-مەلۇماتلارغا ئاساسلاندى.»

بۇ دوكلاتنىڭ بۇرۇنقى ئۈچىسىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى، بۇنىڭدا خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان زىيالىيلار ئوخشىمايدىغان كەسىپلەر ۋە جىنسلار بويىچە تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، كەسىپ تۈرى بويىچە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاخباراتچىلار ۋە شائىر-يازغۇچىلار؛ جىنس تۈرى بويىچە ئەرلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن.

مەزكۇر سانلىق مەلۇماتنى تەمىنلىگەن «شاھىت بىز» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى جېنى بونن ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق-مەلۇماتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئاز دېگەندە 10 نەپەر، قازاق زىيالىيلىرىدىن ئاز دېگەندە 20 نەپەر ئادەم قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە دوكلاتلار غەرب ئەللىرىدىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىنمۇ ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى شۇلارنى مەنبە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. ھېنرىي شاجىۋىسكى ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەرىپىدىن چىقىۋاتقان دوكلات ۋە ئۇچۇرلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېغىز ئېچىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزدىن چىقىۋاتقان ئۇچۇرلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا ئۈندەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوخشىمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا بىزنىڭ دوكلاتلىرىمىزدىن نەقىل ئېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىزمۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قانۇنلۇق قوغدىيالايدىغان ھەل قىلغۇچ چارىنى ئىزدەۋاتىمىز.»

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا دۇنيادىكى خىتاينىڭ «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى» غا ئوخشاش مائارىپ تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى بۇ خىل ھەمكارلىقنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

ئۇنداقتا، چەتئەلدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ياكى ئىلمىي ئورگانلار ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك؟ ھېنرىي شاجىۋىسكى ئەپەندى سۆز قىلىپ، «بىزنىڭ شوئارىمىز ‹بۇ قاباھەتكە قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشنى توختىتىدىغان ۋاقىت كەلدى›. ھازىرغا قەدەر بىز بىلىدىغانلاردىن ئاز دېگەندە 4 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى قويۇپ بېرىلدى. بۇ بىر ياخشى بېشارەت. شۇڭا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىلمىي ئورگانلارىمۇ ئىلگىرى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورناتقان، كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلار ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلىشى لازىم،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت