ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى توسۇشقا چاقىرىق قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020.12.11
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى توسۇشقا چاقىرىق قىلدى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتورانت نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى(سولدا) ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 10-دېكابىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

10-دىكابېردىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى دۇنيا جامائىتىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى توسۇشقا چاقرىق قىلدى.

10-دىكابېردىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ قاناللىرى ئارقىلىق نەق مەيداندىن دوكلات بېرىش پروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇرانت نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە بۇ ھەقتىكى دوكىلاتنى سۇندى.

بىز «ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ قايسى تۈردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قانداق قەدەملەر بېسىلىشى كېرەك؟» دېگەن سوئاللارنى چۆرىدىگەن ئاساستا دوكتۇرانت نۇرددىن ئىز باسار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نۇرددىن ئىزباسار ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبىنىڭ شەرقىي تۈركىسىتاندىكى زېمىن مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ ئەبەدىي بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋېتىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇردىددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى زۇلۇملىرى داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش مەقسىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆزىدە يەنە ب د ت تەرىپىدىن 1948-يىلى ئىمزالانغان «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ پۈتكۈل ماددىلىرىنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ چىققانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ 30 ماددىنىڭ ئىچىدىكى پۈتكۈل كىشىلىك ھەق-ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشنى داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇردىددىن ئىزباسار ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ھازىر دەپسەندىچىلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نۇرددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاكادېمىك ساھەدە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئاڭلىتىش، ھېسسىياتقا تايانماستىن دەلىل-ئىسپاتلىق ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۈگۈن يەنە 10-دېكابىردىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە قىرغىنچىلىق جىنايىتى» دېگەن تېمىدا تور يىغىنى ئېچىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىدىن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، دوكتور شەۋكەت ناسىر قاتارلىقلار قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقى بولغان ياشاش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن باشتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

10-دىكابېردىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ھەقىقەت» دېگەن تېمىدا بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلەر تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىقىغا شىددەت بىلەن قارشى تۇرىمىز ۋە قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئۆزلىرىنىڭ ‹ئەركىنلىك جەڭچىسى› ۋە ‹كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى› دەپ جار سېلىۋاتقان پۈتكۈل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.