22 - ماي ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.05.23
Xitay-qoralliq-saqchi-urumqi-kocha-305 ﺑﯜﮔﯜﻥ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 2 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ.
AFP Photo


22 - ماي ئۈرۈمچى خەلق باغچىسى يېنىدىكى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى يەنە جىددىيلەشتى. دائىرىلەر بۇ بىر يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە قەرەللىك ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىدارە - جەمئىيەت، مەھەللە - كويلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى بەزى ئاھالەر رايونلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، شارائىتى يار بەرسە باشقا جايلارغا بېرىپ تىجارەت قىلىش ئۇقتۇرۇلدى.

دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدا بولسۇن.

22 - ماي ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىنىڭ ئارقا دەرۋازىسى يېنىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى. ھەتتا خىتاي پايتەختى بېيجىڭ شەھىرى ۋە باشقا خىتاي شەھەرلىرىدىمۇ كوچا چارلىغۇچى ساقچىلار ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرى كۆپەيتىلىپ، ئايرودروم، پويىز ئىستانسىسى، يولۇچىلار بېكەتلىرى ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى بارلىق ئايرودروملاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن. بولۇپمۇ، ئۈرۈمچىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ ئالدىن - ئالا پىلانلانغان زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ۋە باشقا جايلاردىمۇ بۇ خىل پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق چۆچۈتكەن. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىگە ئالاھىدە خىزمەت ئۆمىكى ئەۋەتىپ، جايلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. خىتاي سىياسىي قانۇن ئەمەلدارى مىڭ جيەنجۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەنىڭ «پىلانلانغان تېرورلۇق ھۇجۇمى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 23 - مايدىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر يەنە، نۆۋەتتە ھەرقايسى چېگرا ئېغىزلىرى ۋە يوللاردىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا مەخسۇس ساقچىلارنى تۇرغۇزۇپ، يولۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى، پارتلاتقۇچ دورا ۋە قورال - ياراق ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يەنە بۇ بىر يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە قەرەللىك ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە جامائەت پىكرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە ئىنتېرنېتكە قارىتا جىددىي تەدبىر ئېلىپ، ۋەھىمىلىك يالغان ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىغان سۆز - ھەرىكەتلەردە بولغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغان. دائىرىلەر يەنە، ۋەقەدە يارىلانغانلار توشۇلغان دوختۇرخانا، دېلوغا مەسئۇل ساقچىخانا ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازار ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ تېلېفون ئۇلىنىشنىمۇ قاتتىق كونترول قىلغان.

22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى پارتلاشتىن كېيىن، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرىگە قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تور بېكەتلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە پارتلاش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى ھەر خىل ۋەھىمىلىك خەۋەرلەر كۆپىيىپ ۋەزىيەت جىددىيلەشتى.

22 - ماي كۈنى يەنە شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچقان ئىككى ئايروپىلان، يولۇچىلار تەمىنلىگەن «ئايرۇپىلاندا بومبا بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن لەنجۇ ئايرودرومىدا توختىتىلىپ تەكشۈرۈلگەن. خىتاينىڭ 23 - ماي جۈمە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، ئايروپىلاندا ھېچقانداق پارتلىتىش بۇيۇملىرى بايقالمىغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن 3 نەپەر يولۇچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، قالغان يولۇچىلارنىڭ باشقا ئايروپىلاندا ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئۇندىن باشقا خوڭكوڭ سودا تېلىۋىزىيىسىنىڭ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋەرىدە، 23 - ماي كۈنى سەھەر سائەت 1 دە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى ئاتۇش شەھىرىدىمۇ بىرنەچچە قېتىملىق پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

22 - ماي پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاممىۋى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىدە ۋەقە ھەققىدىكى يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلارنى، قۇتراتقۇلۇق تەشۋىقاتىدا بولغانلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىكى، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ۋە گۇماندارلار ھەققىدە ئىككى كۈندىن بۇيان بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان خەۋەرلەرنى بېرىشى دىققەت قوزغىماقتا.

22 - ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋەقەدە 31كىشىنىڭ ئۆلۈپ، 94 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ئەمما 23 - ماي كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ 39 كىشى ئىكەنلىكىنى، 94 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا گۇماندارلار ھەققىدىمۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمىغان خەۋەرلەر بېرىلدى. دائىرىلەر 22 - ماي كۈنىدىكى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋەقەگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان ئىككى گۇماندارنىڭ رەسىمى ۋە كىملىك نومۇرىنى ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن 29 ياشلىق ئابدۇرېھىم مەمەت ۋە 26 ياشلىق مەمەتتۇرسۇن ياسىن ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنىڭ، پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، 508 - نومۇرلۇق ئاپتوبۇسغا ئولتۇرۇپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئىككەيلەن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئەمما، خىتاي تورلىرىنىڭ 23 - مايدىكى خەۋەرلىرىدە، ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى گۇماندارلاردىن قۇربان قېيۇم، ئابلەت نىياز قاتارلىق ئىككەيلەننىڭ بىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن شىنخۇا تورىنىڭ 23 - ماي جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدە بولسا، ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ پىلانلانغان ۋەقە ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق 5 گۇماندارلارنىڭ گۇمىلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتلىتىشقا قاتناشقان مەمەت ئىمىن، ئابلەت ئابدۇقادىر قاتارلىق 4 نەپىرىنىڭ نەق مەيداندا ئاپتوموبىل بىلەن بىللە پارتلاپ ئۆلگەنلىكى، نۇرەخمەت ئابلىپىز ئىسىملىك يەنە بىرەيلەننىڭ 22 - ماي كۈنى كەچقۇرۇن كورلا شەھىرىدە تۇتۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئۈرۈمچىدىن جۇ فامىلىلىك بىر خىتاي پۇقراسى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،22 - ماي ئەتىگەنلىك بازاردا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنى ۋە پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى گۇماندارلار ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بەرگەن مەلۇماتلاردىكى ئوخشىماسلىقنىڭ پۇقرالاردىكى ۋەھىمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت بارغانچە جىددىيلىشىپ، پۇقرالار ئارىسىدىكى ۋەھىمە كۈچەيگەندىن كېيىن، بەزى يەرلىك دائىرىلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ،خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆزىنى - ئۆزى قوغداشقا چاقىرغان. مەسىلەن، 22 - ماي كۈنى قەشقەر شەھەر ياۋاغ كوچىسى ئاھالىلەر كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتا، رايوندىكى خىتاي دۇكاندارلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى تەلەپ قىلىنغاندىن باشقا، ئەگەر شارائىتى يار بەرسە باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىپ تىجارەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.