نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.07.05
gollandiye-5-iyul-2017-namayish.jpg 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 5-ئىيۇل، گوللاندىيە.
RFA/Ekrem

بۈگۈن نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئوسلو ۋە دەنھاگ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ، نامايىش ئېلىپ باردى.

5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ھەمدە گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بىلەن گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرى ۋە گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھەرلىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

ھەر ئىككى دۆلەتتىكى نامايىشچىلار بۈگۈنكى بۇ نامايىشلىرى ھەققىدە نەق مەيداندىن بىزنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندى نامايىش توغرىلىق ئۇچۇر بەرگەندە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ۋە نامايىشنىڭ جانلىق ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. نامايىشنى تەشكىللىگەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندىمۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئوسلودىكى بۇ نامايىشقا قاتناشقان يەنە بىر خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىزھار قىلدى.

گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، دەنھاگدىكى نامايىش ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىمۇ قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.