5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەييارلىقلىرى تاماملاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.04.20
5-ming-kishilik-namayish.jpg برۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشنىڭ لوگوسى.
RFA/Ekrem

27-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5000 كىشىلىك نامايىشقا بىر ھەپتە ۋاقىت قالغان. د ئۇ ق بۇ نامايىشنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن «5000 كىشىلىك نامايىش تەييارلىق كومىتېتى» ھەمدە «5000 كىشىلىك نامايىش تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، قانچە ئونلىغان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ نامايىش ئۈچۈن بىرقانچە ئايدىن بۇيان تەييارلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ گۇرۇپپىدىكىلەر يەنە «10 مىڭ كىشىلىك نامسىز مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى توپلاش» پائالىيىتىنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان.

5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەشۋىقاتى يېتەرلىك دەرىجىدە كەڭ دائىرىلىك ئېلىپ بېرىلغان. ئاخىرقى مۇھىم خىزمەت نامايىش تەرتىپىنى قوغداش، نامايىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، نامايىش شوئارىدا بىرلىكنى ساقلاش، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش، بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن 60 كىشىلىك مەخسۇس تەرتىپ ساقلاش ئەترىتى بەرپا قىلىش قاتارلىق نازۇك ساھەلەردىكى تەييارلىق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرمۇ نەتىجىلىك تاماملانغان. 

«5000 كىشىلىك نامايىش تەييارلىق كومىتېتى» نىڭ ئەزاسى، «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندى، 5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ نورۋېگىيەدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى. گوللاندىيەدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ ئاساسەن پۈتكەن. يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئايروپىلان ياكى ماشىنا بىلەن بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئۈلگۈرۈپ كېلىشكە ھازىرلانغان. د ئۇ ق نىڭ گوللاندىيەدىكى ۋەكىلى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەندە گوللاندىيەدىكى يۈزلىگەن ياشلارنىڭ بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن خېلى بۇرۇنلا تەييارلىقلىرىنى تاماملاپ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

5000 كىشىلىك نامايىشقا ئەڭ كۆپ كىشىنىڭ قاتنىشىشى تەخمىن قىلىنىۋاتقان دۆلەت بېلگىيە بولۇپ، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللامنىڭ قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىگە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل ۋە ئانتۋېرپېن شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يالغۇز شۇ يەردىكى ئۇيغۇر، تۈرك جامائىتىنى نامايىش ئۈچۈن قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەييارلىقىنىمۇ ئەستايىدىل ئىشلىگەن. 

د ئۇ ق تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 27-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5000 كىشىلىك نامايىشقا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، ئاۋسترىيە، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق 20 گە يېقىن دۆلەتتىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ئۇنىڭ سېيماسى چۈشۈرۈلگەن ياغلىق-شارپىلار، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى شوئارلار يېزىلغان يۈزلىگەن لوزۇنكا ۋە تەشۋىقات تاختايلىرى، خىتاي تۈرمىسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن تەشۋىقات لەۋھەلىرى، «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» ناملىق جازا لاگېرىغا سولانغانلارنىڭ سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بىلەن بۇ قېتىمقى نامايىش ئۆزگىچە ھەيۋەتلىك بىر تۈس ئالىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، نامايىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن، بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن شەھىرىدە د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ «تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى» ھەمدە «3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنلارغىمۇ 16 دۆلەتتىن 40 ئەتراپىدا ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار، تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرى كېلىپ قاتنىشىدىكەن. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ تاماملانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.