روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان 60 ياشلىق ئانا بىر يىلدىن بۇيان «تەربىيىلەش» تە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.03.29
Aytursun-Qurban-kimliki-01.JPG تەربىيىلەش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن 61 ياشلىق ئانا ئايتۇرسۇن قۇرباننىڭ كىملىكى.
RFA/Gulchehre

بۇ يېقىندا ياۋروپاغا يەرلەشكەن رەيھانگۈلنىڭ ئىككىنچى قېتىم رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىشى. ئۇ بۇلتۇر-7 ئايدا قاھىرەدە خىتاي بىلەن مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇيۇقسىز تۇتقۇنى باشلانغاندا ئىككى بالىسىنى ئېلىپ مىسىردىن قېچىپ ياۋروپاغا كېلىۋالغان ئىدى. ئۇ بىر ئاي ئىلگىرى ئاقسۇدىكى ئىنىسى 38 ياشلىق ياسىنجاننىڭ ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئالغانلىقى، ئەمما 5 بالىسىنى يېتىم قالدۇرۇپ كەتكەن مەرھۇم قېرىندىشىنىڭ ۋاپاتىغا ماشىنا ۋەقەسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياسىنجان ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا ئىككى پۇتى سۇنۇپ كېتىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، تېخى سەللىمازا ساقايماي تۇرۇپلا دائىرىلەر تەرىپىدىن «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن. يېقىندا ئۇنى ساقچىلار كېسەل سەۋەبىدىن «تەربىيىلەش» تىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ ھەر ھەپتە دېگۈدەك سوراق قىلىپ تۇرغانلىقىدىن خەۋىرى بار ئىكەن.

رەيھانگۈلنىڭ ئېيتىشىچە رادىيومىزدا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ھازىر ئۇ قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزگەن سىڭلىسى نۇرىمانگۈلنىمۇ دائىرىلەر تۇتۇپ كەتكەن بۆلىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلماقتا ئىكەن.

ئۇ ئائىلە ئەزالىرىدىن ئىگىلىگەن چەكلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئائىلىسىدىن 7 كىشىنىڭ «تەربىيىلەش» تە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكنى بايان قىلدى. 

ئۇنىڭ ھەممىدىن بەك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاقسۇ شەھەر قاراتال بازىرىدىكى ئۆيىدىن بۇلتۇر-3ئايدا «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلىپ، بىر يىلدىن بۇيان ئاقسۇ شەھىرىدىكى جاكۆۋرۈك تۈرمىسىگە قاماپ قويۇلغان ئانىسى ئايتۇرسۇن قۇرباندۇر. بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن بۇ ئانا يولدىشى تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان 5 بالىنى قاتارغا قېتىش ئۈچۈن قارىتال بازىرىدا كىچىك دۇكان ئېچىپ جاھاندارچىلىق قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدىلىكتە جاپا-مۇشەققەتتە جىسمى پۈكلەنگەن، يۈرەك كېسىلى، بەل ئاغرىق دېگەندەك كېسەللەر چىرماشقاندا، ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ كېسىمسىز ھالدا «تەربىيىلەش لاگېرى» غا سولانغان. بىر يىلدىن بۇيان ئائىلىسى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرۈلمىگەن. ھەتتا ئۆتكەن ئايدا قازا قىلغان بالىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن. 

رەيھانگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئانىسى 2016-يىلى 8-ئايدا، 6 ياشلىق نەۋرىسىنى ئېلىپ ئۆزىنى يوقلاش ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ بىر يىلچە تۇرغاندىن كېيىن قايتقان. گەرچە دائىرىلەر ئايتۇرسۇن ئانىنى «يېپىق تەربىيىلەش» كە ئېلىپ مېڭىشتىكى سەۋەبىنى دېمىگەن بولسىمۇ، رەيھانگۈل ئاپىسىنىڭ مىسىرغا بارغانلىقى ۋە بالىلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتقانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىدىكەن. 
رەيھانگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۆي ئاختۇرۇش، قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشتەك بېسىملىرى كۈچەيگەن مەزگىللەردىلا ئانىسى تولا ئەندىشە قىلىدىغان ۋە تەشۋىشلىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن. لېكىن دائىرىلەر بۇ كېسەل ھەم ياشانغان ئايالنى ئاياپ قويماي «تەربىيە» گە ئېلىپ كەتكەن. ئۆتكەن ئايدا رەيھانگۈلنىڭ ئاقسۇدىكى سىڭلىسى ئانىسىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن جاكۆۋرۈك تۈرمىسىگە بارغىنىدا ساقچىلار ئۇنى ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن، پەقەت ئانىسىنىڭ روھىي كېسىلىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، چىقىرىپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرى داۋالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

رەيھانگۈلنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە ئوقۇۋاتقان كەنجى ئىنىسى يۈسۈپجان، ئاقسۇ شەھەر قاراتال بازىرىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان ئانىسى ۋە باشقا ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئاكىسى ياسىنجاننىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈم خەۋىرىدىن بەكمۇ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، يۇرتى ۋە ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز روھىي كېسەللىك ئىسكەنجىسىدىكى بىر ياشانغان بىگۇناھ ئانىنىڭ «تەربىيىلەش لاگېرى» دا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاقسۇدىكى دائىرىلەر بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىشكە ئۇرۇنغان بولساقمۇ، لېكىن جاۋاب ئالالمىدۇق. ئاقسۇنىڭ قاراتال بازارلىق ساقچىخانىسىدىكى خىتاي خادىممۇ «بۇ ھەقتە يۇقىرى ئورگاندىن سوراڭلار» دېگەندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.

رەيھانگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئىلگىرى مومىسى ئايتۇرسۇنغا ئەگىشىپ مىسىرغا كەلگەن 6 ياشلىق جىيەن ئوغلى (ئۆلۈپ كەتكەن ياسىنجاننىڭ ئوغلى) ھەبىبۇللا ياسىننىمۇ ساقچىخانىدا سوراق قىلغان. رەيھانگۈل ھازىر ھەبىبۇللا ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ باشقا بالىلىرى بولۇپ، ئىگە-چاقىسىز قالغان 7 نارسىدەنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر ئالالمىغان. قارانچۇقسىز قالغان بۇ بالىلارنىڭ نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىدا چوڭقۇر ئازابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان رەيھانگۈل، ئۆزىنىڭ بۇ ئازابلارنى يېڭىشىنىڭ بىردىن-بىر يولى ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن بار يول ئاماللارنى ئىزدەش دەپ بىلىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بىر يىلدىن بۇيان ئاقسۇ دائىرىلىرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 61 ياشلىق ئانا ئايتۇرسۇن، روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىغا قارىماي دائىرىلەر تەرىپىدىن «يېپىق تەربىيىلەش» تە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان تۇنجى شەخس ئەمەس. بۇنىڭ ئالدىدا غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزا، 3-كەنت 5-مەھەللىدىكى زېھنىدىن ئاداشقان 33ياشلىق ھەنىپە كېرىمنىڭمۇ بىر ئايدىن بۇيان غۇلجا شەھىرىدىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.