د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.08.09
DUQ-Rehberliri-BDT-Bash-Shitabida-2018-01.jpg دۇق رەھبەرلىرى جەنۋەدىكى ب د ت نىڭ باش شتابى ئالدىدا. 2018-يىلى 9-ئاۋغۇست. جەنۋە، شۋېتسارىيە.
RFA/Ekrem

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە باشلانغان ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ھەرتۈرلۈك شەكىللىرىنى يوقىتىش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدا 9 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلىدىغان بولۇپ، 6-ئاۋغۇستتىن 13-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە ئاجرىتىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللىرى 6-ئاۋغۇستتىن باشلاپلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى پاش قىلىش ئۈچۈن ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.

د ئۇ ق نامىدا ب د ت دىكى يىغىنلارغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن قۇرۇلتاي خادىملىرى بۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان ب د ت باش شتابىدا چاقىرىلغان يىغىنلاردا نۇتۇقلار سۆزلەپ خىتايدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇلار 20 گە يېقىن دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە خىتاينىڭ چوقۇم جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىشنى ۋە بۇ لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەر قوللىنىشىنى ئىلتىماس قىلغان. 

بىز 9-ئاۋغۇستتىن باشلاپ جەنۋە شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ ب د ت دا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى نەق مەيداندىن كۆزىتىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتۇق. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن يېتىپ كەلگەن يەنە بىر تۈركۈم قۇرۇلتاي خادىملىرى بۈگۈن ب د ت مەركىزىدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى» دېگەن نامدا قوبۇل قىلىنغان ب د ت غا كىرىش كارتىسىغا ئېرىشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقان د ئۇ ق نىڭ بارلىق خادىملىرىنىڭ قۇرۇلتاي نامىدا بىراقلا ب د ت غا كىرىش كارتىسىغا ئېرىشىشى ئاز كۆرۈلىدىغان ھادىسە ئىكەن.

ب د ت دا پائال ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە 8-ئاۋغۇست ۋە 9-ئاۋغۇست كۈنلىرى ب د ت دا بەزى مۇھىم يىغىن ۋە ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

9-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 تىن 18:00 غىچە ب د ت ئالدىدىكى «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى مۇلازىمەت مەركىزى» دە 7 تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، خىتايشۇناس پروفېسسورلار، دوكتورلار ھەمدە ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەلۇم بىر رەھبىرى بىلەن ئىچكى يىغىن چاقىردى. يىغىندا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش» پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ «قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنى يەنىمۇ يورۇتقىلى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ جىددىي كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ» دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدى.

بۇ يىغىنغا مەركىزى جەنۋەدە بولغان «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى مۇلازىمەت مەركىزى» ساھىپخانلىق قىلغان بولۇپ، يىغىنغا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى»، «تىبەت ئادالەت مەركىزى»، «خەلقئارا تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى»، «ياۋروپا تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتى»، «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىن ئىچكى يىغىن بولغاچقا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ نامىنى، مۇزاكىرە تېمىلىرىنى ئاشكارىلاش ئىمكانىمىز بولمىغان بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ يىغىندا 10-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خادىملىرىنى مەلۇمات بىلەن تەمىنلەش يىغىنىدا ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر تەشكىلات ۋەكىلى مۇھىم بولغان بىر تېمىنى بىر مىنۇت ئىچىدە ئاڭلىتىپ بولۇش ھەققىدە تەپسىلىي پىلانلار تۈزدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىن كەلگەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ب د ت دىكى يىغىنلارنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىرىنى تىلغا ئالدى.

ب د ت نىڭ رەسمىي مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئومۇمىي يىغىنىغا خىتاي تەرەپ 49 نەپەر مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىل ئەۋەتكەن. بۇ ۋەكىللەر ئىچىگە خىتاي مەركىزى كومىتېتىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغان خادىملار كىرگۈزۈلگەن. مەسىلەن، خىتاي مەركىزى كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق ۋاكالەتچىسى، ئاۋمېن، خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇرېھىم بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچۈن 24 بەتلىك دوكلات ھازىرلاپ كەلگەن ئىكەن. 10-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىنكى ئومۇمىي يىغىندا خىتاي مەسىلىسى كۆزدىن كۆچۈرۈلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.