بابۇر: «مەن بىلىدىغان دادام ئابدۇقادىر جالالىدىن»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.01.14
Abduqadir-Jalalidin.jpg شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن.
Social Media

2018-يىل 2-ئاينىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئىدى. بۇلتۇر 4-ئايدا رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قوغداش باشقارمىسى سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فېڭ ۋېنچياڭ بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بارغاندا، ئۇ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2018-يىل 29-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئوغلى بابۇر 11-يانۋار كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇلتۇر 1-ئاينىڭ 29-كۈنى دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا يەتكۈزگەن ئاپىسى جەمىلە خانىمنىڭمۇ بىر كۈندىن كېيىن، يەنى بۇلتۇر 30-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاتتى. 

بابۇر جالالىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۈنلەردە ھەدە-ئىنى ئىككىيلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىكەن. 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچقۇرۇن ئۇلار ئاپىسى جەمىلە خاانىمدىن دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ خىتاي دۆلەت ئامانلىقى ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئەكېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن. 

ئەمما ئەتىسى، يەنى بۇلتۇر 30-يانۋار كۈنى ئاپىسى جەمىلە خانىم ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا ھەدە-ئىنى ئىككىيلەنگە ئوقۇش خىراجىتى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا پۇلنى دەرھال ئېلىۋېلىشنى ئېيتقان. شۇ كۈندىن باشلاپ دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى پاجىئەلىك خەۋەردىن يۈرىكى ئېزىلگەن ھەدە-ئىنى ئىككىيلەن ئانىسى جەمىلە خانىمنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئىككىنچىلەپ ئاڭلىيالمىغان. 

بابۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېيىنچە ئۇلار ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇش بىلىشلەردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئانىسى جەمىلە خانىمنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇققان. ئۇلار ئاڭلىغان ئۇچۇرلاردا جەمىلە خانىم تۇتقۇن قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم لاگېرغا قامالغان ئىكەن. ئەمما كېيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇش-بىلىشلەر بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلەر ئۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار تۇتقۇندىكى ئاتا-ئانىسى ھەققىدە ھېچقانداق يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. 

بابۇر ھەدە-ئىنى ئىككىيلەننىڭ ئۆز ئىمكانلىرىنىڭ يېتىشىچە دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئانىسى جەمىلە خانىمنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ بايانىدا ئۆزىنىڭ بۇلتۇر 8-ئاينىڭ ئاخىرى تۈركىيەدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىسپات بەرگەنلىكىنى ۋە بۇندىن كېيىن دادىسىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش يولىدا داۋاملىق ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بابۇر يەنە ئۆز نەزىرىدىكى دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئارتقان ئاتالمىش «جىنايەت» لەرنىڭ ئاساسسىز تۆھمەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

بابۇر دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن قانۇن-تۈزۈملەر رامكىسى ئىچىدە تۇرۇپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن بىر زىيالىي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن خىتايدىكى ھۆكۈمەت نەشرىياتلىرىدا نەشر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ھەر خىل تۆھمەتلەرنى ئارتىپ تۇتقۇن قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇقادىر جالالىدىننى تۇتقۇن قىلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ دادىسىغا ئوخشاش ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھۆرمەت تاپقان زىيالىيلارنى يوقىتىش نىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرى شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئاشقان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بىلىم ئادەملىرى، دىنىي ئالىملىرى ۋە ھەر ساھەدىكى تونۇلغان كىشىلەردىن بولۇپ ئاز دېگەندە نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭمۇ تۇتقاندا ئىكەنلىكى جىددىي دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.