كەنت سېكرېتارى: ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى تۈرمىدە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.06.30
abduqadir-yapchan-mesilisi.jpg ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇشلۇق جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان.
RFA/Arslan

مۇخبىرىمىز قەشقەر يېڭىشەر ياپچان يېزىسىنىڭ روزا ھېيت ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاھالىلەردىن بىرى، تۈركىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئون سەككىز ياشتىن ئاشقان بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىرىمىز، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئانىسى ئولتۇرۇشلۇق 5-كەنت سېكرېتارىدىن مەلۇمات سورىغىنىدا، سېكرېتار يۇقىرىقى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. ياپچاندىكى سېكرېتارلار يەنە، ئاھالىلەرنى ياپچاننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا چەك-چېگرا ئايرىش ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇلار، ياپچاننىڭ تۇغقانلىرىدىن كىملەرنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 15 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە ئۆتكەن يىلى خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيەگە شىكايەتنامە يوللاپ، ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. تۈركىيە قانۇن ئورگانلىرى ئابدۇقادىرنى تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە سوتچىلار خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان. ئەمما، ياپچان ئۈستىدىكى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش تۈركىيەدە يەنىلا داۋام قىلىۋاتقان ئىدى. قەشقەرگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاھالىلەردىن بىرى، نۆۋەتتە ياپچاننىڭ قەشقەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 18 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. قەشقەر يېڭى شەھەرنىڭ ياپچان يېزىسىدىكى كەنت سېكرېتارلىرىمۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.