ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «خىتاي مېنى ئانا تىل مەكتىپى ئاچتىڭ دەپ 15 ئايلىق تۈرمىگە سولىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.01.07
abduweli-ayup.JPG ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2016-يىلى 7-يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۈگۈن يەنى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەنقەرەدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى دەپ ئەيىبلەپ 15 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، ئەمما، بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، ئەسلى سەۋەب ئانا تىل يەسلىسى ئاچقانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش پىكرىنىڭ ئۆزىدە 2005-يىلى تۇنجى قېتىم ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ۋاقتىدا پەيدا بولغانلىقىنى، 2009-يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا كۈچلەنگەنلىكىنى، 2010-يىلى 3-ئايدا ئانا تىلدا مەكتەپ ئېچىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، 2011-يىلى 6-ئايدا ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى:

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى «سىز سوتتا نېمە دەپ ئەيىبلەندىڭىز ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تۇتۇش بۇيرۇقىدا مەبلەغنى ساختا مەلۇم قىلىش جىنايىتى دەپ يېزىلغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭغا قانۇنسىز مەبلەغ يىغىش جىنايىتىنى قوشۇپ ئەيىبلەپ، 15 ئاي قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى، قانۇنسىز مەبلەغ يىغمىغانلىقىنى، ئەسلى سەۋەبنىڭ ئانا تىل مەكتىپى ئاچقانلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇۋېلى ئايۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئەنقەرەدە تۇرماقتا. سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.