ئابلىمىت داموللامنىڭ ئۆلۈمىگە قېيىن-قىستاقنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.06.16
qesgher-turmisi.jpg قەشقەر تۈرمىسى.
www.ts.cn

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلىشى داۋامىدا، ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زات ئابلىمىت داموللامنىڭ تۇتقۇندىكى مەزگىلىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئايدىڭلاشمىدى. مەرھۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خەت ئارقىلىق تەمىنلىگەن ۋە مۇخبىرىمىز نەزەرباغدىكى ساقچىلاردىن ئىگىلىگەن بەزى ئۇچۇرلار، ئابلىمىت داموللامنىڭ ئۆلۈمىگە ئۇ يېقىنقى ئايلاردا دۇچ كەلگەن جىسمانىي ياكى روھىي قېيىن-قىستاقنىڭ سەۋەب بولغانلىق ئېھتىماللىقى ئىشارەتلەنمەكتە.

بىز بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدا، ئالدى بىلەن ئابلىمىت داموللامنىڭ ئەڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۆستەڭبويى ساقچى خادىمى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىدى، ئەمما ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى دەلىللىدى. قەشقەر شەھەرلىك بىرلىك سەپ ئىدارىسى ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى نەزەرباغ 4-كەنت توققۇزتاش مەسچىتىنىڭ خاتىبى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابلىمىت داموللامنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىلىرى يوللىغان ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، يېقىنقى ئايلاردا ئابلىمىت داموللام خىتاينىڭ قىزىل تەشۋىقات سېپىغا قېتىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئەمما داموللام سالامەتلىك سەۋەبىنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقات سېپىدىن ئۆزىنى تارتقان. يەنە ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، داموللام ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قاماقخانىدىكى مەزگىلدە ئىلگىرىكى ئاتالمىش خاتا تەبلىغلىرىگە تۈزىتىش بېرىش، خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئېلىش ۋە توۋىنامە بايان قىلىشقا قىستالغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمى دەل مۇشۇ مەزگىلگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى داموللامنىڭ ئۆلۈمىگە، ئۇ قاماقخانىدا دۇچ كەلگەن جىسمانىي ياكى روھىي قېيىن قىستاقنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. 

بىز مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە قەشقەر شەھەرلىك بىرلىكسەپ ئىدارىسىدىن مەلۇمات سورىدۇق. بىرلىكسەپ خادىمى، بۇ ھەقتە شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ بايانات بېرىشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تەشۋىقات بۆلۈمى خادىمى مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. 

بىز ئاخىرىدا، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى خادىمى يولۋاس ئەپەندىدىن بۇ ئۆلۈمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەخمىنلىرىنى سورىدۇق. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مەرھۇمنىڭ ئائىلە قورۇسىنىڭ مەخسۇس ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇشى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە ساقچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. يولۋاس ئەپەندى، ئەگەر قاماقخانىدا مەھبۇسلار ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن تەقدىردە، ئۆلۈم سەۋەبى ئائىلىسىگە ئوچۇق چۈشەندۈرۈلىدىغانلىقى، قوروسىنى نازارەتكە ئېلىشتەك بىخەتەرلىك تەدبىرىگە ھاجەت قالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە، بەزى چاغلاردا قاچقۇن گۇماندارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نازارەت قىلىنىدىغانلىقى، ئەمما بۇ نازارەتنىڭ ئاممىغا ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.