ۋاشىنگتون پوچتىسى «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى نارازىلىق ۋە ئەندىشە ياراتتى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.03.06
urumchi-kocha-qoralliq-herbiy.JPG ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم كوچىسىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق كۈچ. 2010-يىلى ئاۋغۇست.
RFA

خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ لايىھە ماقۇللانغان تەقدىردە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بېسىملارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق مەزكۇر لايىھەدىن شىكايەت قىلىۋاتقانلار پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ئەمەس. ھۆكۈمەتلەر، چەتئەل شىركەتلىرى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ ھەرقانداق كىشى ۋە ئورۇننى تېررور گۇماندارى قىلىپ قويالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ھەقتە ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئالاھىدە قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى كۆرسىتىلگەن.

2001-يىلى «11- سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن قوزغالغان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكا قاتارلىق تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغان دۆلەتلەر ھەممىسى ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتا قانۇنلارنى ماقۇللاپ تېررورلۇققا قارشى ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىشقا تىرىشماقتا.

ئەلۋەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەت ۋە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» بىلەن «كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش» ئارىسىدىكى ئىنچىكە سىزىق ھېلىھەم بىر تالاش - تارتىش تېمىسى بولۇپ تۇرماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ خىل قانۇنلارنىڭ كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تەھدىت ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى تەنقىد قىلىدۇ. بىراق، ھېچقايسى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى خىتاينىڭكىدەك دىققەت قوزغىمىغان بولسا كېرەك.

خىتاينىڭ ھازىر بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىنىش ئالدىدا تۇرغان تۇنجى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى خەلقئارادا زور قارشىلىق پەيدا قىلدى. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتايدا سودا قىلىدىغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ، ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان مۇستەقىل ئورگانلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىردەك تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى.

ئۇنداقتا سەۋەب نېمە؟ كۆزەتكۈچىلەر، ئەسلىدىلا دېموكراتىيە بولمىغان، مۇستەقىل ئەدلىيە بولمىغان بىر دۆلەتتە بۇنداق بىر قانۇن ئىجرا قىلىنسا، ھەرقانداق شەخس ۋە ھەرقانداق ئورگاننىڭ تېررور گۇماندارىغا ئايلىنىپ قېلىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى ئىش، دەيدۇ.

ۋاشىنگتون پوچتىسى بۇ ھەقتە چارشەنبە كۈنى بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. مەزكۇر گېزىتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىمون دېنيېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە مۇنداق دېيىلگەن:

دۇنيادىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەردە تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەقىبنى كۈچەيتىدىغان ۋە پۇقرالارنىڭ بىر قىسىم ھوقۇقلىرىنى چەكلىمىگە ئالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. ئەمما، خىتاينىڭ بۇ قانۇنىنى تەنقىد قىلىۋاتقانلار خىتاي ھۆكۈمىتى تېررور تەھدىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئەزەلدىن قاتتىق بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاقلاشنى ۋە ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمىغان چەتئەل تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئەدەپلەشنى مەقسەت قىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ قانۇن لايىھەسىنى « دەپسەندە قىلىش رېتسېپى» دەپ ئاتىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بولسا بۇ قانۇن ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە خىتايدا ئىش قىلىۋاتقان ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئۆزىنىڭ پۇقرالارنى تەقىب قىلىش ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ بېرىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن غەرب ئارىسىدىكى چوڭقۇر ھاڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھاڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ماقالىسىدە، ئاسىيا بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جۇلىيا فامۇلارونىڭ كۆز قارىشىغا يەر بەرگەن.

ئۇ سۆزىدە: «ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن پۇقرالار ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالىدىمۇ دېگەن مەسىلە دائىم مۇنازىرە قىلىنىپ كەلگەن. بىراق، خىتاينىڭ بۇ قانۇنىدا بىزنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ئۇنىڭدىكى تەدبىرلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ بولۇشى ۋە بۇنىڭ ئۆكتىچى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقىدۇر» دېگەن.

ماقالىدە يەنە داڭلىق خىتاي ئۆكتىچى خۇجىيانىڭ سۆزىگىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەخسۇس كونترولنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى بەلكىم تېررور ھۇجۇملىرىدىن نارازى بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا ياخشى ئاڭلىنىشى مۇمكىن. بىراق بۇ قانۇن پەقەت شى جىنپىڭنىڭ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىش سىياسىتىنى قوللاش ئۈچۈنلا يېزىپ چىقىلغان. ئەگەر سەن، سىياسىي ھوقۇقىدىن پايدىلىنىمەن دەيدىكەنسەن، قىزىل سىزىققا دەسسەپ، تورغا چۈشكىنىڭ چۈشكەن. ئەگەر سەن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش ۋە ياكى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنسەڭ، ئۇ ھالدا سېنىڭ ئادۋوكات ياللاش ھوقۇقۇڭمۇ بولمايدۇ. تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلىكىدە، شۇڭا ئۇلار سېنى نېمە بىلەن قارىلىسا قارىلىيالايدۇ. ئۇلار سېنى تېررورچى دېسە، ئۇ ھالدا سەن بىر تېررورچى»

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى مۇلاھىزىسىنىڭ داۋامىدا، يۇقىرىدىكى بۇ سۆزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ماقالىدە مۇنداق مۇلاھىزە قىلىنغان: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنى چەكلەش، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە پۇقرالىق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، ئۇيغۇرلارنى قېيىن - قىستاققا ئېلىش، مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش ۋە ئۇلارنى ھەر ساھەدە كەمسىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. دەرۋەقە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قاماققا ئېلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ۋە ياكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن سۆز قىلغان ھەرقانداق بىر كىشىگە بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى دەپ قالپاق كىيدۈرۈلۈش خەۋپى مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. بۇ قانۇندا تېررورلۇققا بېرىلگەن تەبىر ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇ پەقەت «ھەرىكەت» نىلا ئەمەس بەلكى « ئوي - پىكىر» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي، تېررورلۇق بىلەن دىنى ئەسەبىيلىكنى بىرلەشتۈرۈۋەتكەن. خىتاينىڭ تەبىرى بويىچە دېگەندە بالىلارنى دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاشمۇ دىنى ئەسەبىيلىك، دەپ قارىلىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىگە بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىكى تېررورلۇق كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ ئىنتايىن كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «خىتايغا ئوخشاش ئادەتتىكى بىر جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىمۇ ئادىل سوتلىنىش پۇرسىتى ئاز بىر دۆلەتتە، ئەگەر بىر كىشى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنسە، ئۇ ھالدا ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى قوغداش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس دېيەرلىك» دېگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتايدا ئىش قىلىۋاتقان تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ماسلىشىپ، ئۇلارنى قوللانغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان ماددىلار يەر ئالغان. يەنە، خىتايدىكى بارلىق ئىجتىمائىي ئورگانلار، فوندى جەمئىيەتلەر ۋە چەتئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان جەمئىيەتلىرىنىڭ بانكا ھېسابلىرىنى، ئۇلارنىڭ مالىيىسىنى تەقىب قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە خەلقئارادىن كۈچلۈك قارشىلىق كەلگەندىن كېيىن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى فۇ يىڭ قانۇن لايىھەسىدىكى بەزى ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنى يېتەرلىك دەپ قارىمايدىكەن. ئۇلار، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىپ، خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە باشتىن يېزىپ چىقىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.