رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارىدىغان بۇ يىللىق نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014-01-13
Share
amerika-uyghur-namayish.JPG ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. 2014-يىلى 13-يانۋار.
RFA

2013-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن قانلىق ۋەقەلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ ۋەقەلەردە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا سوئال-سوراقسىز ئېتىپ تاشلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سوتسىز ئۆلۈم مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن ، دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلدى.

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە نەق مەيدانغا بېرىپ، نامايىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.