ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندا جەم بولۇپ خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.07.13
tayland-uyghur-namayish-washington-1.jpg ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى. 2015-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
RFA/Qutlan
tayland-uyghur-namayish-washington-8.jpg

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى. 2015-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Qutlan

tayland-uyghur-namayish-washington-9.jpg

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى. 2015-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Qutlan

tayland-uyghur-namayish-washington-7.jpg

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى. 2015-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Qutlan

tayland-uyghur-namayish-washington-6.jpg

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى. 2015-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Qutlan

tayland-uyghur-namayish-washington-5.jpg

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى. 2015-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Qutlan

tayland-uyghur-namayish-washington-4.jpg

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى. 2015-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Qutlan

tayland-uyghur-namayish-washington-3.jpg

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى. 2015-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Qutlan

tayland-uyghur-namayish-washington-2.jpg

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى. 2015-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Qutlan

tayland-uyghur-namayish-washington-1.jpg

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى. 2015-يىلى 12-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Qutlan

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، يەنى يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋاشىنگتونغا جەم بولۇپ، خىتاي ۋە تايلاند ھۆكۈمەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

پايتەخت ۋاشىنگتون ھەمدە ئۇنىڭغا قوشنا ۋىرجىنىيە ۋە مارىيلان شتاتلىرىدىن يىغىلغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى ئالدى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى دۇپۇنت سىركۇل باغچىسىغا يىغىلدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ۋە تايلاندقا قارشى نارازىلىق نامايىشىغا ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن بىر قىسىم قېرىنداش تۈرك، ئەزەربەيجان ۋە قازاق ۋەكىللىرىمۇ جەم بولدى.

بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ كۈچ كۆرسىتىش يۈرۈشى باشلىنىش ئالدىدا ئامېرىكىدىكى ئەزەربەيجان تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن سابىر بايراملى ئەپەندى سۆز قىلدى.

سابىر بايراملى ئەپەندى سۆزىدە دۇنيادا ھازىر شىمالىي سىپرۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 مۇستەقىل تۈركىي تىللىق دۆلەت مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېچقانچە ساھىب چىقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە «گەرچە بۈگۈن تۈركىيە تۈرك دۇنياسىدىكى يېتەكچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاۋازى تېخىمۇ يېتەرلىك ئەمەس. تۈرك دۇنياسى چوقۇم ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئەڭ ئاۋانگارت سۆزچى ۋە ساھىب بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف نامايىشنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى، نامايىشچىلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە تىنچ ئۇسۇلدا ۋاشىنگتوندىكى تايلاند ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچىلار قوشۇنى سائەت 2 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە دۇپۇنت سىركۇل باغچىسىدىن قوزغىلىپ، ھەيۋەتلىك سەپ تۈزۈپ تايلاند ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ئامېرىكا بايرىقى ۋە تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن بىرگە ۋاشىنگتون كوچىلىرىنى قاپلىدى. نامايىشچىلارنىڭ شوئار ۋە سادالىرى ئەتراپنى لەرزىگە كەلتۈردى.

نامايىشچىلار قوشۇنى ۋاشىنگتوننىڭ كونا شەھىرى بولغان جورجى تاۋىن كوچىسىغا يېتىپ كەلگەندە كوچىدىكى كىشىلەر توختاپ نامايىشچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى. بەزى ئامېرىكىلىقلار نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلۇپ بىللە شوئار توۋلىدى. بەزىلىرى نامايىشچىلارغا ئەگىشىپ ھەمدەم بولدى. ساقچى ئاپتوموبىللىرى نامايىشچىلار ئالدىدا يول ئېچىپ ماڭدى.

نامايىشچىلار قوشۇنى بىرقانچە كىلومېتىر يول بېسىپ، ئاخىرى جورجى تاۋىندىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىغا يېتىپ كەلدى. بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقا گەرچە ئەلچىخانا تاقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرگە يىغىلىپ نامايىشنى كۆردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات سۆز قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر سائەتتەك نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى داۋام قىلغاندىن كېيىن، نامايىشچىلار يەنە سەپ تارتىپ، پوتومەك دەرياسى بويىدىكى كوچىنى بويلاپ دۇپۇنت سىركۇلغا قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىملىق نامايىشنى تەشكىللىگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچى ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ جامائەتكە ۋە ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ كۈچىگە بولغان ھېسسىياتلىرىنى بايان قىلدى.

ئاخىرىدا ئالىم سېيتوف خۇلاسە سۆزى سۆزلىدى ھەمدە بۈگۈنكى نامايىشنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.