ئانالىزچىلار، ئاق تاشلىق كىتابتىكى «ئىقتىسادىي مەنپەئەت ھوقۇقى ۋە مۇھىت ھوقۇق كاپالىتى» گە رەددىيە بەردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.06.23
aq-tashliq-kitab-munderije.jpg خىتاي دۆلەت كابىنېتى 1-ئىيۇن ئېلان قىلغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» كىتابىنىڭ مۇندەرىجىسى.
CCTV

خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ھوقۇقى ۋە مۇھىت ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقى مەدھىلەندى. ئەمما بۇ ھەقتە توختالغان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان ئىقتىسادىي ھوقۇقتىن مەنپەئەتدار بولغانلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئاتالمىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە ئېلىپ كەلگىنى ئىشسىزلىق، نامراتلىق، ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ مەجبۇرىي يۆتكەش شۇنداقلا زىيادە ئېچىلغان يەر ئاستى بايلىقلىرى، خىمىيىۋى زاۋۇتلار پەيدا قىلغان ئېغىر دەرىجىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا 1978-يىلدىن 2016-يىلغا قەدەر بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يۈكسىلىش تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئادەم بېشىغا توغرا كۈلىدىغان ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ 1978-يىلىدىكى 319 سومدىن، 28 مىڭ 463 سومغا ئۆرلىگەنلىكى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى 1978-يىلدىكى 119 سومدىن 2016-يىلى يىل ئاخىرى 10183 سومغا ئۆرلىگەنلىكى، كىرىمنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ 88.2 ھەسسىدىن 84.6 ھەسسىگە يەتكەنلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى نامراتلىق نىسبىتىنىڭ تېزلىكتە تۆۋەنلەپ، 2016-يىلى يىل ئاخىرىغا كەلگەندە 10% كە چۈشكەنلىكى، 2016-يىل ئاخىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايوندىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى بىر مىليون 263 مىڭغا يەتكۈزۈلگەنلىكى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدە يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ 455 مىڭغا يەتكەنلىكى، 2016-يىلى يىل ئاخىرىدا ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلار نىسبىتىنىڭ 3.22% بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىتى ۋە رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىكى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاق تاشلىق كىتابى» دا 80 ‏-يىللاردىكى ئىقتىسادىي كىرىم بىلەن 2016-يىلدىكى ئىقتىسادىي كىرىمنى سېلىشتۇرۇپ، رايوندىكى خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى مەدھىلىگەن. ئەمما مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا، 30 يىلدىن بۇيانقى تۇرالغۇ ئۆي، مال باھاسىدىكى ئۆرلەش، پۇل پاخاللىقى ۋە بارغانچە ئېشىپ بارغان ئىشسىزلىق نىسبىتى، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتنىڭ يېزىلىرىدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈركۈم تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاينىڭ بەيدۇ تورىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1978-يىلدىكى 1 كىلوگرام قوي گۆشى باھاسى 75 تىيىندىن 98 تىيىنغىچە، 25 كىلوگراملىق بىر خالتا ئاق ئۇننىڭ باھاسى 8 سوم ئەللىك تىيىندىن 10 سوم 50 تىيىنغىچە بولغان بولسا، 2016-يىلغا كەلگەندە 1 كىلوگرام قوي گۆشىنىڭ باھاسى 45 سومدىن 50 سومغىچە بولغان، 25 كىلوگراملىق ئۇننىڭ باھاسى 60 سومدىن 100 سومغا قەدەر بولغان. 1980-يىلدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى  ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن ھەقسىز ئۆيلەردە ئولتۇرغان، شەھەر ئاھالىسى ئايلىق ئىجارىسى 100 سوم ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئەرزان ئۆيلەردە ئولتۇرغان بولسا، 2016-يىلغا كەلگەندە ئۆي باھاسى ئۆرلەپ، ئىككى ياتاق بىر سالۇنلۇق ئۆينىڭ باھاسى 200 مىڭ سومدىن 400 مىڭ سومغىچە ئۆرلىگەن.  ئەمما ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 سومدىن 6000 سومغىچە بولغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى400سومدىن 1000 سومغىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولغان. 

ئەمما «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىگە قوبۇل قىلىنغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مائاشى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى . يېقىندا، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشلاردا، ئۇيغۇر رايونىغا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن 22 مىڭ نەپەر قوش تىل مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە، قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 6065 سوم، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغان خىتاي-ساقچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەنگەندىن باشقا، ئايلىق مائاشى 5000 سومدىن 6000 سومغىچە ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. 2016-يىلى رادىيومىزغا، قارىمايدىكى ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 6000 دىن ئارتۇقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئايلىقى 1500 سومدىن 2000 سومغىچە مائاش ئالىدىغان ۋاقىتلىق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قارىماي نېفىتلىكىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم نامىدا قوبۇل قىلىنغان تېخنىك ئىشچىلار نامىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھەقسىز تۇرالغۇ بېرىلگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشى 6000 سومدىن 7000 سومغىچە دەپ بەلگىلەنگەن. 

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، 13- 5 يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا تەخمىنەن 11 مىليون ئادەم ‏-قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، 2017-يىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە كورلىدىن تەخمىنەن 100 مىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ، ئاق تاشلىق كىتابتا رايوندىكى نامراتلىق نىسبىتىنىڭ 10% كە چۈشۈرۈلگەنلىكى مەدھىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، رايوندىكى يەر-ئاستى يەر ئۈستى بايلىقلىرى ۋە  ئىقتىسادىي-مەنپەئەت ھوقۇقى ۋە ئىش پۇرسەتلىرىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولغۇچىلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ۋە كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يۇقىرى مائاشلىق ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىنىپ، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى نوپۇسىنىڭ شالاڭلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئىستېلاسىدىن بۇيان، ئۇيغۇرلار سىياسىي جەھەتتىن ھوقۇقسىزلاندۇرۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغاندىن باشقا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئاستى-يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى زىيادە ئېچىشى سەۋەبلىك بۇلغانغان سۇ، تۇپراق، ھاۋا مۇھىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك كىلىماتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. رايوندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ يېمەكلىكى، سالامەتلىكى، ھەتتا ھاياتى ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالغان.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىتاي شىركەتلىرى، زاۋۇت-فابرىكىلار سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەر 2016-يىلغا كەلگەندە خىتايدىكى ھاۋا كىلىماتى ئەڭ ناچار 10  شەھەر تىزىملىكىگە كىرىپ، قىش پەسلىدىكى تۇماننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى قېنىق سېرىق رەڭلىك، ھەتتا قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىغا يەتكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مۇھىت ھوقۇقى ھەققىدىكى بايانلاردا بۇ مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇندىكى بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت بۇرغىلاش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن مۇھىت بۇلغىنىشى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، تارىم نېفىتلىكىنىڭ ھەر يىلى ئاچىدىغان نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ سانى 200 دىن ئاشىدىغانلىقى، يەر ئاستىدىن نېفىت بۇرغىلاش جەريانىدا نېفىت قۇدۇقلىرى رايونىدىن ھەر يىلى 540 مودىن ئارتۇق يەرنىڭ ئۈنۈمسىز چۆللۈككە ئايلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.