ئاقسۇ ئايكۆلدە بىر ھەپتىدە تۇتقۇن جەريانىدا ئېتىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى 3كە يەتتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.08.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
urumchi-herbiy-basturush-2013.jpg خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرگۈزگەن برونېۋىكلىرى. 2013-يىلى 29-ئىيۇن.
AFP


ئاقسۇ ئايكۆلدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى قانلىق شەكىلدە داۋام قىلماقتا. ئايكۆلدە ئۆتكەن شەنبە كۈنى يەنى 16 - ئاۋغۇست كۈنى ياسىن ئاۋۇت ۋە تۇنىياز قۇرباندىن ئىبارەت ئىككى نەپەر ياش ئۆي ئاختۇرۇش ۋە چارلاش داۋامىدا ئېتىۋېتىلگەن ئىدى. خىتاي ساقچىلىرى سەيشەنبە كۈنى 19 - كەنت 3 - گۇرۇپپا ئەزاسى 21 ياشلىق ئۆمەر ئابلانىمۇ ئاقسۇ شەھىرىدە تاكسىچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئېتىپ تاشلىغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئايكۆلدىكى ئىككى كەنتتە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 13 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، 3 كىشىنىڭ ئېتىلغانلىقى ۋە يەنە ئۈچ كىشىنىڭ ئىزدىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ ئۆيىدىن پالتا، خەنجەر ۋە پارتلاتقۇچى دورا تېپىلغانلىقى باھانىسى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى بۇ قانلىق تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان، بۇ قېتىملىق تۇتقۇنمۇ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىي تەرتىپ ۋە ئۆلچەملىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىغان ھالدا داۋام قىلغان.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت