چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ يىل يەنە شى جىنپىڭنى «ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ كۈشەندىسى» ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.11.03
pichan-lukchun-weqesi-muxbir.jpg خىتاي ساقچىلىرى پىچان ۋەقەسىدە مۇخبىرلارنىڭ قولىدىكى رەسىم تارتىش ئاپپاراتىنى تارتىۋېلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 28-ئىيۇن.
AFP

چېگراسىز مۇخبىرلار بۇ يىل ئاخبارات ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلغان دۇنيادىكى 35 سىياسىي شەخس ۋە تەشكىلاتىنى «ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ كۈشەندىسى» دەپ ئېلان قىلدى.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، چېچىنىيە پرېزىدېنت رامىزان قادىروف، رۋاندا پرېزىدېنتى پائۇل كاگامې، ۋىيېتنام باش سېكرېتارى نيەن فۇ تروڭ قاتارلىق سىياسىي شەخسلەر، تالىبان، ئەل شاھاب، يەمەندىكى شىيە سىياسىي ھەرىكىتى-ئەنسار ئاللاھ قاتارلىق تەشكىلاتلار قاتارىدا «ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ كۈشەندىسى» دەپ ئېلان قىلىنغان شەخسلەرنىڭ بىرى.

بۇ، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا ھاكىمىيەت سوراۋاتقان 4 يىلدىن بۇيان ئىزچىل بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىدۇر. چېگراسىز مۇخبىرلار، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋە خەۋەر ئەركىنلىكىنى قامال قىلىش، چەكلەش، بوغۇش جەھەتلەردە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزى تور بىخەتەرلىك ۋە ئۇچۇرلىشىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىش، كونترول قىلىش سىياسىتى بەلگىلەيدىغان مەركىزى ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇ مىكرو بلوگ، QQ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇچۇرنى كونترول قىلىدىكەن ھەم مۇخالىپ ئۇچۇرلارنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايدىكەن.

چېگراسى مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى بېنجامىن ئىسمائىل (بەنجامىن ئىسلامىل) پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يىل يەنە بۇ تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىگە ئىزاھات بەردى.

بېنجامىن ئىسمائىل مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىدە ئەڭ ئاخىرىدىكى دۆلەت. ئۇ ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىدىكى 180 دۆلەت ئىچىدە 176‏- ئورۇندا تۇرىدۇ.خىتاي دۇنيادىكى ژۇرنالىست ۋە خەۋەر تارقاتقۇچىلارنى ئەڭ قاتتىق باستۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇ ھۆكۈمەت ۋە كومپارتىيەنىڭ سىياسىي ھەم ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان، نازۇك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان كەسپىي ژۇرنالىستلارنى باستۇرۇپلا قالماي، مىكروبلوگچىلارنى، تور ئاكتىپلىرىنى، تور ئۆكتىچىلىرىنى ۋە بارلىق ئاممىۋى گۇرۇھلارنى باستۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدا باستۇرۇشنى يولغا قويۇپ كەلدى.»

بېنجامىن ئىسمائىلنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2015‏-يىلى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار ئالاھىدە بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. ئۇ، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يازغان فرانسىيەلىك بىر ژۇرنالىستنى ئۇنىڭ يازغان ماقالىسى سەۋەبلىك چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېنجامىن ئىسماتىل: «ئۆتكەن يىلى فرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گۇتيېر ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يېزىپ 'يەر شارى ۋاقتى گېزىتى' گە ئوخشاش ھۆكۈمەت زۇۋانلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىش ھەرىكىتى باشلىنىپ، ئۇنىڭ ئادرېسى توردا ئېلان قىلىندى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىدى. نورمالدا بۇ خىل تور ھۇجۇملىرىنى دائىرىلەر ناھايىتى تېز كونترول قىلسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەدە تورداشلارنىڭ ھۇجۇمىغا يول قويدى.

بۇنىڭغا ئەگىشىپ، دائىرىلەر ئۇنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ئۇرسۇلا گۇتيېر كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلدى. چۈنكى، ئۇ ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغان. ئۇ كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلىشتا ھەقلىق ئىدى. ئەمما ئۇ شۇ يىلنىڭ ئاخىرى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى. دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەدىكى سەۋەبى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى، ئۇلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئۇسلۇبى. ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقان بۇ ۋەقەنى ھاكىمىيەتنىڭ باستۇرۇشى پەيدا قىلغان. ئەمما بۇ تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ بىر مۇخبىرنى ئۇنىڭ يازغان ماقالىسى سەۋەبلىك چېگرادىن قوغلاپ چىقىشىدۇر».

فرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گۇتيېر، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيەسىدىكى سوغان كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ ماقالىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 40-50 تەك خىتاي كۆچمىنى ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمنىڭ خەۋىرىنى دەسلەپكى مەزگىلدە چەكلىگەن. ئۇ، 2015‏-يىلى 13‏-نويابىر كۈنى پارىژ شەھىرى تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كۈننىڭ ئەتىسى بۇ ۋەقەنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق، ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇچۇر كونتروللۇقى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوقلۇقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خەۋەرلەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ھامىد گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇچۇرنى قامال قىلىش بۇ رايوندا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ۋە شەخسلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى كونكرېت ھەرىكەتلىرىگە قەدەر سىڭىپ كىرگەن.

ھامىت گۆكتۈرك: «بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسى، ئاخباراتنىڭ قامال قىلىنىشى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدىكى ئاخبارات سەنزۇرىسىغا ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، كوچىدا خىتاينىڭ مەخسۇس مۇشۇ تېلېفونلارنى تەكشۈرىدىغان، كونترول قىلىدىغان ساقچىلىرى بار. ئۆتكەن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە يېڭى بىر قارارنامە چىقاردى. بۇ قارارنامىدە، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونىدا دىنىي مەزمۇندىكى بىر نەرسە كۆرۈلۈپ قالسا، 2‏-دەرىجىلىك تېررورىست، دەپ جازالىماقچى بولۇۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا. خىتاي دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر رېجىمى، ھېچقانداق بىر دۆلەت قىلىپ باقمىغان قامال قىلىشنى ئاخباراتقا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقىگە ئىشلىتىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ھامىد گۆكتۈرۈك ئەپەندى يەنە،بۇ رايوندا ئۇچۇرنى كونترول قامال قىلىش ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى، بۇ رايوندىكى خەلقنىڭ ھاياتى، كىشىلىك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھامىد گۆكتۈرك مۇنداق دەيدۇ: «ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن بىر يۇرتداشتىن شۇنداق ئاڭلىدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى دەپ بەردى. بۇ كىشى ياركەنتنى بىر يېزىسىدىن، مەن شەھەرگە كىرىۋاتاتتۇق، دەيدۇ. بىر يەردە 17-18 ياشلىق بىر كىچىك بالىنىڭ تېلېفونىنى بىر خىتاي ساقچىسى ئېلىپ، بۇنىڭدا رادىكال ئۇچۇرلارنى كۆرۈپسەن، دەپ قورقۇتتى، دەيدۇ بۇ بالىنى ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىمىز، دەپ. بۇ بىچارە بالا قورقۇپ كېتىپ، ۋاي، مەن بۇنى كۆرمىدىم، دەپ، قولىدىكى تېلېفونىنى يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتتى، دەيدۇ. چېقىۋەتسە، خىتاينىڭ ساقچىسى دەرھال تاپانچىسىنى چىقىرىپ، ئۇ بالىنى ئاتتى، شۇ يەردە، دەيدۇ. يەنى بۇ ھەر كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان بىر ھادىسىلەر. خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قىلىنىۋاتقان دەپسەندىچىلىكنى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئالمايدىكەن. ۋاي، راستمۇ، دەپ مەندىن سوراۋاتىدۇ».

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن. بەلگىلىمىدە، چەكلەنگەن چەتئەل تورلىرىغا تام ئاتلاپ كىرگەن شەخسلەرنىڭ 2‏-دەرىجىلىك تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى بېنجامىن ئىسمائىل پەيشەنبە كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىسىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭ رولى چەكلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېنجامىن ئىسمائىل مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاقلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت، ئاممىۋى گۇرۇھلار، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدىگە جاۋاب بېرىشكە ئاساس ھازىرلىغان. ئۇلارنىڭ مەقسىتى 'بىز ئۆز قانۇنلىرىمىزغا ئاساسەن ئىش كۆرۈۋاتىمىز'، 'بۇ پۈتۈنلەي بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز' دەپ خەلقئارانىڭ ئارىلىشىشىنى رەت قىلىش.

بۇ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ كلاسسىك رېتورىكى. مەن بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئۇنداق رولى بارلىقىغا بەك ئىشەنمەيمەن. چۈنكى، ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلمايدىغان، كىمنى قولغا ئالىمەن، دېسە شۇنى ئالالايدىغان، تورنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان ئۇنداق ھوقۇق ئەزەلدىنلا بار.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.