ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ب د ت غا سۇنغان دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىستېمىلىق كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-10-29
Share
jenwe-yighin-rabiye-ayallar.jpg B d t kishilik hoquq kéngishining 20‏-öktebir bashlan’ghan 59‏-nöwetlik yighini
RFA

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا سۇنغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاياللىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد، گراژدانلىق ھوقۇقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، نىكاھ، ئەمگەك، پىلانلىق تۇغۇت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى كەمسىتىش ھەققىدە توختىلىپ، «شىنجاڭ دائىرىلىرى قاتتىق دىنىي كونتروللۇقنى يولغا قويۇپ، ساقال، ھىجابقا ئوخشاش ئىسلامىي قىياپەت ۋە ئىسلامىي كىيىم-كېچەك ئەنئەنىلىرىنى چەكلەپ كەلدى. قانۇندا ئاياللارنىڭ چۈمبەل تاقىشى ياكى ئەنئەنىۋى دىنىي كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق چۈمبەل ئارتقان، ئەنئەنىۋى دىنىي كىيىملەرنى كىيگەن ئۇيغۇر ئاياللار كەمسىتىشكە ئۇچرىدى. دائىرىلەرنىڭ ئۆي ئىگىلىرىنى ھىجابلىق ئاياللارغا ئۆي ئىجارە بەرمەسلىككە قىستىشى، ھىجابلىق ئاياللارنىڭ شۇ سەۋەبلىك ئىجارە ئالغان ئۆيلىرىنى بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇشى بۇنىڭ بىر مىسالى» دەپ تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھىجابنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىمۋولى، دەپ قاراپ، ھىجابلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى داۋاملىق كەمسىتكەنلىكى، ئۇنىڭ 2013‏-يىلى 11‏-ئايدىن باشلاپ «گۈزەللىك پروگراممىسى» نى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھىجابنى تاشلاپ، ھۆسنى ۋە چېچىنى ئېچىۋېتىشكە، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىنى تاشلاپ، «زامانىۋىلىق» نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ دوكلات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 20‏-ئۆكتەبىر باشلانغان 59‏-نۆۋەتلىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇ ب د ت نىڭ ئاياللارغا قارىتىلغان كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىغا سۇنۇلغان. ئاياللارغا قارىتىلغان ھەر خىل كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش مەسىلىسى ئىككى ھەپتىلىك بۇ يىغىننىڭ نۇقتىلىق تېمىسى بولۇپ، خىتاي بۇ جەھەتتىكى قەرەللىك ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا جەنۋەگە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارغان.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباينىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھازىرقى رېئاللىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە دۇنيا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك زۆرۈر بىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دېدى: ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خانىۋەيران قىلىنىشى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ دۇنيادا مىسلى يوق. بۇ دۇنيانىڭ چوقۇم دىققىتىنى تارتىدىغان دەرىجىدە ئېغىر. باشقا دۆلەتلەردە بۇنداق ئىش يوق. ئەگەر سۇنغان تەكلىپ ئىچىدىكى ھەر بىر سۆزنى باشقا دۆلەتلەردىكى ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتايدىكى خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندىمۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چوقۇم جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىگە تېگىشلىك بىر مەسىلە.

نۇرمۇھەممەت مۇساباينىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان كەمسىتىش ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدى ئۇ خىتاينىڭ بىزنىڭ مەملىكىتىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بولۇپمۇ بىزنىڭ خانىم-قىزلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى بىلەن بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كەلگۈسىدە ساغلام بىر جەمئىيەت بولىدۇ، دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئاياللىرىمىزنىڭ ئىپپەت-نومۇسى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ھەممىسىنى ئاياغ ئاستى قىلىۋاتسا، پىلانلىق تۇغۇت، دەپ ئۇلارنىڭ ئەۋلاد كۆرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىۋاتسا، ئۇلارنى تەربىيىلەش، تەربىيىلىنىشتىن مەھرۇم قىلىپ، 15-20 ياشلىق قىزلىرىمىزنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ، زاۋۇتلارغا مەجبۇرى قۇلدەك ئىشلىتىۋاتسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كېلەچىكىدىن قانداقمۇ ئۈمىد بار، دېيىشكە بولىدۇ؟ ئەگەر خىتاينىڭ مۇشۇ سىياسىتى داۋاملاشسا. ئۇيغۇرلىرىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە ب د ت جىددىي ياردەم بېرىشىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى.

نۇرمەمەت مۇساباينىڭ قارىشىچە، ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى تەييارلاپ ب د ت غا سۇنغان بۇ دوكلات، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالىنى دەرھال ئۆزگەرتمىسىمۇ، بىراق ئۇ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قوزغاش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن ياخشى بىر باشلىنىش.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدى ئۇ ب د ت غا بىر قېتىملىق دوكلات سۇنۇش بىلەن خىتاي ئوڭشىلىپ كەتمەيدۇ. خىتاي ئالدايدۇ، ب د ت نى ۋە تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى ئۇنداق قىلدۇق، مۇنداق قىلدۇق، ئۇنداق قىلىۋاتىمىز دەپ، بەزى بىر يالغان سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ، ب د ت نىڭ كۆزىنى بويايدۇ. ئەممە، بۇ خىل پىكىر ۋە دوكلاتلارنى ھەر يىلى قايسى ۋاقىتتا بولسۇن توختىماي داۋاملىق يوللاپ تۇرساق، خەلقئارا ئۇنىڭغا بىۋاسىتە ئارىلاشمىسىمۇ، ئۇلاردىن توختىماي سوئال سوراپ تۇرغان تەقدىردە، خىتاي بۇ ئىشنى داۋاملىق يامان تەرەپكە ئېلىپ بېرىشنى بىر ئاز بولسىمۇ ئاستىلىتىشى مۇمكىن. بەلكىم ئۆزگەرتىشىمۇ مۇمكىن. بىراق بۇ بىر قېتىملىق دوكلات بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ئادەم بېدىكچىلىكىگە قارشى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە باشقا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ئاياللار -بالىلارنى ئېلىپ-سېتىشقا قارشى ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر ھەم تىبەت ئاياللىرىغا كەلگەندە ئىشقا يارىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئادەم بېدىكچىلىكىنىڭ ئاساسلىق قۇربانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2011‏-يىلى ئۆزىنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش نىزامىغا تۈزۈش كىرگۈزۈپ، ئادەم بېدىكچىلىك قىلمىشىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. نىزامنامىدە، بېدىكچىلىك قىلمىشى ئاياللارنى مەجبۇرى پاھىشەلىككە سېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بېدىكچىلىكنىڭ باشقا تۈرلىرىنى ۋە شۇنداقلا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى جىنايەت، دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەجبۇرى ئەمگەك، دېگەن بۇ ئۇقۇمغا ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن.

دوكلاتتا يەنە، شەرقىي تۈركىستان يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ياش ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا خىتاينىڭ شەرقىدىكى شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئاپىرىپ، ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى قاتارىدا داۋاملىق مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئادەم بېدىكچىلىك قىلمىشى، دەپ قارىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت