«بالىلار قوغدىغۇچى» - بالىلارنىڭ كۆپلەپ يۈتۈپ كېتىشىدىن كەلگەن ئىجادىيەت ئىلھامى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.04.24
Uyghur-balilar-305.jpg 2006 – ﻳﯩﻠﻰ 13 – ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ. ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﮕﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ 3 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺋﺎﺯ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ.
AFP Photo


مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇر بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىش، ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە سېتىلىش ۋە ھەر خىل جىنايى گۇرۇھلارنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىشىدەك پاجىئەلەر، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 20 يىللار ئىلگىرى باش كۆتۈرۈپ داۋام قىلىۋاتقان بىر زور ئىجتىمائىي ئاپەت.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقىدەك كۆچمەن نوپۇسى كۆپ، ساياھەتچىلەر كۆپ، مۇرەككەپ بولۇشتەك ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىدە، ئاتا، ئانىلار بالىلىرىنى قوغداشتا بارغانچە رىقابەتكە ئۇچرىماقتا ۋە بالىلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە كۆزىتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا ئېھتىياج تۇيماقتا. ئۇيغۇر ئاتا، ئانىلاردىكى بۇ خىل خاتىرجەمسىزلىك تەقەززاسى، ئۇيغۇرچە ئادەم ئىزدەش تور بېتى بولغان yutkanlar.com قۇرغۇچىسى نۇرئەلى ئەمەتنىڭ بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر ئەسۋاب ئۈستىدە ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇ ياش ستۇدېنت كومپيوتېر ھەۋەسكارنىڭ تىرىشچانلىقى ھەمدە خىتايدىكى مەلۇم ئېلىكترونلۇق پەن تېخنىكا شىركىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە «بالىلار قوغدىغۇچى»دىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى ئاخىرى روياپقا چىققان.

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاتا، ئانىلار تەقەززا بولغان بۇ بالىلار قوغدىغۇچى ئەسۋاب ھەققىدە نۇرئەلىنى زىيارەت قىلدى، «بالىلار قوغدىغۇچىسى» قانداق ئىقتىدارغا ئىگە؟ قېنى بىرلىكتە تونۇشۇپ چىقايلى :

- نۇر ئەلى، قانداق ئىلھام بىلەن بالىلار قوغدىغۇچىنى مەيدانغا كەلتۈردىڭىز ؟

- مەن كىچىك چاغلىرىمدىلا بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىدىغانلىقى، ئىچكىرىلەرگە ئالداپ ئاپىرىلىدىغانلىقىدەك ۋەقەلەرنى ئاڭلايتتىم. ھازىرمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز، ھەتتا مەن بۇ يۈتكەنلەر تور بېكىتىنى قۇرغاندىن بۇيان ھەر كۈنى يۈتكەن بالىلار ھەققىدە 3، 4 ئۇچۇر كېلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن. باشتا مەن بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىرەر تەدبىر ياكى مەلۇم ئەسۋاب ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقىنىمدا، ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش ئەسۋابىغا كۆزۈم چۈشتى، يەنى شەخسى ئاپتوموبىللارنى ئىز قوغلاپ تاپقىلى بولىدىكەن، بۇنى بالىلارنى تېپىشقا قانداق تەدبىقلىغىلى بولار؟ دېگەن ئوي بىلەن ئىچكىرىدىكى ئاپتوموبىل ئىز قوغلاش ئەسۋابى ئىشلەيدىغان بىر شىركەتكە تېلېفون قىلىپ ئويۇمنى ئېيتتىم، ئۇلار «ياسىغىلى بولىدۇ» دېگەن جاۋابنى بەردى ۋە ۋە لايىھە بولسىلا سىناپ بېقىشقا ماقۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى بالىلار تاقاشقا ئەپلىك، ئۇلارنىڭ تېرىسىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان كىچىكرەك قىلىپ لايىھەلىدىم ۋە بۇ لايىھە نۇسخا بويىچە، ئىچكىرىدىكى شىركەت دەسلەپ بۇ بالىلار قوغدىغۇچىنى ياساپ چىقتى. ھازىر توردا سىناق تەرىقىسىدە ئېلان بەرگەنتىم، بەك تېز قىزىقىش قوزغىدى، ئاتا، ئانىلاردا ھەقىقەتەن شۇنداق بىر نەرسىگە ئېھتىياج كۈچلۈك ئىكەن. باھاسىنى 380 سوم قىلىپ بېكىتىلدى.

- نۇرئەلى، بالىلار قوغدىغۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلىتىلىش دائىرىسى، ئۈنۈمى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەرسىڭىز؟

- بولىدۇ، بۇ قوغدىغۇچى ئەسۋاب سائەت شەكىللىك بولۇپ يەنى بالىلارنىڭ قولىغا تاقاپ قويغاندا بالىلارنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ، يانفۇن ئارقىلىق بالىنىڭ نەدىلىكىنى كۆرگىلى، ھەتتا خالىغانلار بالىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدىغان ھەم ئۈنگە ئالالايدىغان، ھەم تېلېفون قىلىپ بالا بىلەن پاراڭلىشالايدىغان، شۇنداقلا بالىلارنى 24 سائەت نازارەت قىلىپ تۇرالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئەسۋاب.

ئەمدى ئىقتىدارىغا كەلسەك، ئەگەر سىز پەقەت ئۆيىڭىز ۋە بالىڭىزنىڭ مەكتىپىنى بەلگىلەپلا بەرسىڭىز، بالىڭىز ئۆيدىن مەكتەپكە بارىدىغان يولدىن چىقىپ كەتسە ياكى باشقا يەرگە كەتسە سېستىما سىزگە ئاپتوماتىك سىگنال بېرىدۇ ھەم خەرىتىدىن بالىڭىزنىڭ ھازىرقى ئورنىنى تېپىپ سىزگە ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالىڭىزدىن خاتىرجەم بولالايسىز، پەقەت سىزدە ئاندىرۇيىد ياكى ئالما يانفۇنى بولسىلا خاتىرجەم سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇمەھسۇلات، بالىلارغا ئىشلىتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپلىك لايىھەلەنگەن،يەنى سائەت شەكىللىك، بالىلارغا زىيانسىز،رادىئاتسىيە ئىنتايىن ئاجىز، سۇغا ھەم سىلكىنىشكە چىداملىق قىلىپ لايىھەلەنگەن، بۇ مەھسۇلات ھازىردىن باشلاپ زاكاس قوبۇل قىلىدۇ، ئېھتىياج كۈچلۈك، ئەمما مەن تېخى ئوقۇغۇچى بولغاچقا تېخىمۇ كۈپ ئىشلەش ئۈچۈن مەبلەغ جەھەتتە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن، ھەمكارلاشقۇچىلار بولغان بولسا تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاتا، ئانىلارنى خاتىرجەم قىلالىغان بولساق بەكمۇ ياخشى بولاتتى. مېنىڭ ئۇمىدىم پەقەت بالىلار بەختلىك ئائىلىدىن ئايرىلمىسا، ئائىلىسىگە پاتراق قايتسا، ئانىلارنىڭ كۆزى ياشلانمىسا.

ئەلۋەتتە «بالىلار قوغىدىغۇچى» نىڭ مەيدانغا كېلىشى بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىشتە ۋە ئاتا، ئانىلارنىڭ بالىلارنى پاتراق تېپىۋېلىشى، ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە رول ئوينىشى مۇمكىن، ئەمما بالىلارنى قوغداشتا ئەڭ زۆرۈر بولغىنى يەنىلا ئاتا، ئانىلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى ۋە بالىلارنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇش، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەر قانداق خاتىرجەمسىزلىك ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىشتۇر. ئائىلىلەرنىڭ خاتىرجەملىكى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى، دۇنيانىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان بالىلارنى قوغداش ئەلۋەتتە ھەر بىر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.