13-ئاۋغۇست ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدىكى مۇنازىرىلەر

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىندا 10-ئاۋغۇست سورالغان سوئاللارغا 13-ئاۋغۇست جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇر ئېلىدا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تامامەن ئىنكار قىلىپ ب د ت دا سۆزلەۋاتقان خىتاي ۋەكىللىرى. 2018-يىلى 13-ئاۋغۇست.

13-ئاۋغۇست كۈنى ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-ئاۋغۇست جۈمە كۈنىدىكى يىغىن جەريانىدا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەكىلى خۇ ليەنخې قولىدىكى جاۋاب دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «بەزى ئەزالار جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بىر بايان بېرىپ ئۆتەي. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەپ ۋە قوغداپ كەلمەكتە. خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقلىرى قانۇن ئارقىلىق قوغدالماقتا. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش سىياسىي، ئىجتىمائىي ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولماقتا. . . بارلىق مىللەتلەر تىنچلىق ئىچىدە، دىنىي ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ھالدا ياشىماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش مەۋجۇت ئەمەس. شىنجاڭدا ھېچقانداق ئىنسان ھوقۇقى يوق، دېگەن سۆز پاكىتقا پۈتۈنلەي خىلاپ. شىنجاڭدا «قايتا تەربىيە مەركىزى» دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.

خىتاي ۋەكىل سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپ «بۇ يەردە چوقۇم تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭ دېگەن تېررورلۇقنىڭ قۇربانى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى تېررورلۇقتىن قوغداش ئۈچۈن قانۇنغا ئاساسەن زوراۋان تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى سوتلىدى ۋە قانۇن بويىچە قاماققا ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە جىنايىتى يېنىك بولغانلارنى ھۆكۈمەت تەربىيەلىنىش، يول باشلاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ خىزمەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ۋە قانۇن جەھەتتىكى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدىغان تەربىيەلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۈزىلىشى ۋە قايتىدىن جەمئىيەتكە چىقىشىغا ياردەم قىلدى،» دېدى.

خىتاي ۋەكىل سۆزى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدا دىنى ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ مەلۇم بىر مىللەتنى نىشان قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنىڭمۇ ھەممە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى يەنىمۇ ياخشى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ رايوندا ئېغىر زوراۋان ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ، رايوندىكى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغانلىقىنى ۋە داۋاملىق سېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە كەلگەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇرەھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرغا سۆز بېرىلدى. قەيسەر ئابدۇرەھىم سۆزىنى مۇنداق باشلىدى «ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلى، مەن بۈگۈن بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. شىنجاڭ دېگەن قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭ دېگەن كۆپ مىللەت، كۆپ خىل دىن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر زېمىن. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى بولماي تۇرۇپ، تەرەققىيات بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشى ھەر جەھەتتىن ياخشىلاندى.»

قەيسەر ئابدۇرەھىم يۇقىرىدىكى سۆزىگە مىسال بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ كەلگەنلىكى، ھەرقايسى مىللەتلەردىن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر سانىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ياشاش رەقىمىنىڭ ئاشقانلىقى، دوختۇرلار سانى ۋە دوختۇرخانىلاردىكى كارىۋات سانىنىڭ ئاشقانلىقى، مەكتەپكە بېرىش نىسبىتىنىڭ 90 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىگە ئائىت بىر مۇنچە سان-سىفىرلارنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە «بۈگۈنكى شىنجاڭدا كىشىلەر بارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولغان ھالدا ئىناق-ئىتتىپاق ياشىماقتا. مەن مۇشۇ يەردىكى ھەممىڭلارنى شىنجاڭغا بېرىپ ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن،» دېدى.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدىكى تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ خۇددى يۇقىرىدىكىگە ئوخشايدىغان بىر قاتار سۆزلەرنى قىلىپ، ئۆز رايونلىرىدا خەلقلەرنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى قالغان جاۋابلارنىڭ بۇ يەردە ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن يازمىچە دوكلات شەكلىدە ھەرقايسى ئورگانلارغا بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىپ سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جۈمە كۈنى سورالغان سوئاللارغا بېرىدىغان جاۋابى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ خادىملىرىدىن مارۇگان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېغىزچە ۋە يازمىچە تەييارلىغان بۇ دوكلاتلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ۋە ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يەنە ئەڭ ئاز دېگەندە 20 سائەت ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ 20 سائەت ۋاقتى يوقلىغىنى ئېيتتى. ئۇ خىتاي تەرەپ ھەپتە ئاخىرىدا ئولتۇرۇپ تەييارلاپ چىققان بۇنچە كۆپ دوكلاتنى تەييارلاپ چىققانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى، ئەمما بۇ دوكلاتلاردا نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب يوقلۇقىنى، ئىسپات يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە «مەن سوئاللىرىمنى ئۇدۇللا دەۋېرىمەن، بۇنى قوپاللىق دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېدى. ئۇ سۆزىدە خىتايدىكى مىللىي ئايرىمىچىلىققا ئائىت سورالغان سوئاللارغا قارىتا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەييارلىغان جاۋابلاردا ئېنىق ئىستاتېسكىلىق مەلۇماتلار، خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، ئولتۇراقلىشىش ئىمكانى، خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىشى قاتارلىقلارغا ئائىت ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار، پاكىتلار يوق. بىزنى ئېنىق پاكىتلار بىلەن تەمىنلىسەڭلار بۇ بىزنىڭ خىتايدىكى رېئاللىقنى يەنىمۇ ئوبدان تونۇشىمىزغا پايدىلىق بولغان بولاتتى»، دېدى.

ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئائىت قىسمىدا مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ قانۇنلىرىدا بۆلگۈنچىلىك ئۇقۇمى ئېنىق شەرھلەنمىگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە قوللىنىلماقتا. بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دىنى ئەركىنلىك، يىغىلىش قىلىش، پىكىر قىلىش ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋە باشقا جايلاردا يۈز بەرگەن زوراۋان ۋەقەلەرنى بىرقانچە ئۇيغۇرغا باغلاپ، بۇنى رايوندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئالدۇق. بىز يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. مەن سىلەرنىڭ جاۋابىڭلاردا بۇ كىشىلەرنىڭ قايسى قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئاساسەن سوتلانغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ قانداق قوغدىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر جاۋاب كۆرمىدىم،» دېدى.

يۇقىرىدىكى ۋەكىل سۆزى داۋامىدا يەنە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يازما جاۋابلىرىدا خىتايدىكى ئۆچمەنلىك ھۇجۇملىرى، مىللىي ئايرىمىچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئائىت خىتاي قانۇنلىرىدا بېكىتىلگەن قانۇنىي ماددىلارنى تەمىنلەپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ماددىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت تەمىنلىمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ قېيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغىمۇ جاۋاب بېرىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.