تۆت تەرەپ بىرلەشمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.07.11
tot-terep-birleshme-yighin.jpg ئۇيغۇر، خىتاي، تىبەت، موڭغۇل ۋەكىللىرى «دېموكراتىيە دەستۇرى: مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» تېمىسىدا ئۆتكۈزگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى 7-ئىيۇل، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

ئۇيغۇر، خىتاي، تىبەت، موڭغۇل ۋەكىللىرى «دېموكراتىيە دەستۇرى: مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

7-8-ئىيۇل كۈنلىرى، گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىگە جەم بولغان ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، خىتاي دېموكراتلىرى ۋەكىللىرى «دېموكراتىيە دەستۇرى: مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» دېگەن تېمىدا ئىككى كۈن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ يىغىنغا د ئۇ ق باش كاتىپى، ئۇ ن پ ئو مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشتى. تىبەتلەرگە ۋاكالىتەن تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لوساڭنىما، موڭغۇللارغا ۋاكالىتەن «جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى» رەئىسى شى خەيمىڭ، خىتايلارغا ۋاكالىتەن «جۇڭگو دېموكراتىك ھەرىكىتى چەتئەل بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ۋېي جىڭشېڭ، «خىتاي دېموكراتىك پارتىيىسى» رەئىسى ۋاڭ سى، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىلىرىنى قوغداش» تەشكىلاتى رەئىسى رېن ۋېندىڭ، «دۇنيادا خىتاي ۋە ئاسىيانى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى قوللاش» تەشكىلاتى رەئىسى فېي لياڭيۇڭ، «دېموكراتىك جۇڭگو فرونتى» باش كاتىپى فەن يۇڭجوڭ، ئىدارە خادىمى ۋاڭ گوشېڭ، «خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» رەئىسى لياۋ تيەنچى، «خىتاي دېموكراتىك پارتىيىسى» مۇئاۋىن رەئىسى لى لى ۋە يەنە بىر قانچە خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، رەئىسلىرى قاتناشتى.

قوشۇمچە «ياۋروپا موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي سۆھبەت يىغىنى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر يىغىندا خىتايلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ مەسىلىلىرىمۇ مۇھىم تېما سۈپىتىدە تالاش-تارتىش قىلىندى.

2 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەرگە جەم بولغان تۈرلۈك ناملاردىكى دېموكراتىك خىتاي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىش بىرلىكى قىلماقچى بولساق، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشنى شەرت قىلىمىز. بۇ شەرتكە كۆنمىگەن ھېچقانداق بىر خىتاي تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىمىز بولمايدۇ. چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى مۇبادا دېموكراتىيەنىڭ ئەقەللىي شەرتى بولغان ‹مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش› تىن ئىبارەت ئاساسىي پرىنسىپقا ھۆرمەت قىلسا ۋە بۇ جەھەتتە سەمىمىي بولسا، بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز خىتايدا دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.»

«دېموكراتىك جۇڭگو فرونتى» نىڭ باش كاتىپى فەن يۇڭجوڭ مۇنداق دېدى: «بىز يىللاردىن بۇيان خىتاينى تىنچلىق ۋاسىتىلىرىگە، دېموكراتىك تەشەببۇسلارغا، كىشىلىك ھوقۇق تەشۋىقاتلىرىغا تايىنىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ كەلدۇق. ئەمما بۇ تىرىشچانلىقلىرىمىز زەررىچە ئۈنۈم بەرمىدى. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقلىرى ئەكسىچە كۈنسېرى كۈچىيىپ باردى. بىزنىڭ دېموكراتىك جۇڭگو فرونتى خىتاينىڭ تەقدىرىنى كۈرەش ئارقىلىق بەلگىلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.»

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت سەھنىدە قىلغان سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نە خىتايغا، نە تىبەتكە، نە جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر شەكىلدە قاتتىق ئېزىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن بايان قىلىپ، يىغىن ئەھلىنى تەسىرلەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى تىبەتلىكلەرگىمۇ، موڭغۇللارغىمۇ، خىتاي خەلقىگىمۇ زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمى پەرقلىق. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەتتا ئۆزىنىڭ ساقال، بۇرۇتىغا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىگە، ئىسلامى ناملىرىغا، مەدەنىيىتىگە ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. مىڭ يىلدىن بۇيان ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. ھاراق ئىچىش-ئىچمەسلىك، روزا تۇتۇش-تۇتماسلىق، ساقال قويۇش-قويماسلىق، قانداق ئىسىملارنى قوللىنىش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرى ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ھاراق ئىچمىگەنلەر رادىكال كۈچ سانىلىپ جازالىنىۋاتىدۇ. ئىسلامى ئىسىملارنى قوللانغان، ساقال قويغان، روزا تۇتقان كىشىلەر 3 خىل كۈچ ئاتىلىپ خارلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر مەنتىقسىزلىقىنى، بۇنداق بىر زۇلۇمنى دۇنيانىڭ ھېچ يېرىدىن تاپقىلى بولمايدۇ.»

دولقۇن ئەيسا ۋە دىلشات رېشىتنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن «خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» رەئىسى لياۋ تيەنچى سۆز قىلىپ، بىر خىتاي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ قاتتىق نومۇس قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ ھەق -ھوقۇقۇڭلار كاپالەتكە ئىگە بولمىسا، بىزنىڭمۇ ھوقۇقىمىز بولمايدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى قېيىن ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. لېكىن زۇلۇمنىڭ بۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خارلىقلارنى ئويلىسام، ئۆزۈمنىڭ خىتاي مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغىنىمدىن نومۇس قىلىمەن. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ، موڭغۇللارنىڭ، تىبەتلىكلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى بولمىسا، بىزنىڭمۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئار-نومۇسى قوغدالمىسا، بىزنىڭمۇ شەرىپىمىزنىڭ كاپالىتى يوق بولىدۇ. بىز خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى سەپتە، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭگۇلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە مۇتلەق ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم»

«دۇنيادا خىتاي ۋە ئاسىيانى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى قوللاش» تەشكىلاتى رەئىسى فېي لياڭيۇڭ مەزكۇر يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نېگىزىدىن يەر ئالغان پرىنسىپ. بۈگۈنكى يىغىنىمىزنىڭ مەقسىتىمۇ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەمكارلىقنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق پىكرىدە چىڭ تۇرۇشقا ھەققى بار. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ توغرا يولمۇ شۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقنى غايە قىلغان بولسا ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈرەشلىرى مۇشۇ غايە يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسا، بۇنىڭغا قارشى چىقىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. بىر دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ئەلۋەتتە ھۆرمەت قىلىمەن.»

«جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى» رەئىسى شى خەيمىڭمۇ نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى زوراۋانلىقلىرى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. يايلاقلىرىمىز ۋەيران بولۇۋاتىدۇ. تەبىئىي بايلىقلىرىمىز تالان-تاراج قىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي كۆچمەنلىرى توختىماي ئېقىپ كىرىۋاتىدۇ. موڭغۇللارغا ھاياتلىق مۇھىتى كۈنسېرى تارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. خىتايلاردىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، ئەركىن بىر موڭغۇل پۇقراسى بولۇپ ياشاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھەممە بىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىشقا بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز بار. ئۇيغۇرلارنىڭ جاسارىتىنى ئۈلگە ئېلىش لازىملىقىنى پارتىيەمىزنىڭ يىغىنلىرىدا تەكىتلەپ تۇرۇۋاتىمەن. بىز ھەم قوشنا، ھەم تەقدىرداش. تارىختىمۇ بىرگە بولغان ئىدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ ئايرىلمايمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.