5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن چاقىرىقلار داۋام قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.02.13
5-ming-kishilik-namayish.jpg برۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشنىڭ لوگوسى.
RFA/Ekrem

بۈگۈن 13-فېۋرال كۈنى «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش تەييارلىق كومىتېتى» د ئۇ ق تور سەھىپىسى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن ئالغا!» ناملىق تۇنجى قېتىملىق نامايىش چاقىرىقىنى ئېلان قىلدى.

چاقىرىققا ئاساسلانغاندا، «دۇق ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (ئۇ ن پ ئو) بىلەن بىرلىكتە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، شۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، فىرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى ۋە گېرمانىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى قاتارلىق 10 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا نامايىش تەييارلىق كومىتېتىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە مەزكۇر كومىتېتقا ئەزا تەشكىلاتلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە نامايىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرغان.» 

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق 23-يانۋار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش تەشكىللەش چاقىرىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتكە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە تۈرلۈك سىن ۋە ئۈن ئەسەرلىرى ئېلان قىلماقتا ئىدى. 

11-فېۋرال كۈنى، «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش تەييارلىق كومىتېتى» ئەزالىرىنىڭ 2-قېتىملىق تېلېفون يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. نەق مەيداندىن ئالغان مەلۇماتىمىزغا كۆرە، بۇ تېلېفون يىغىنىغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 20گە يېقىن ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىندا تەييارلىق كومىتېتىغا ئەزا بولغان ھەرقايسى دۆلەتتىكى تەشكىلات ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدىن مەلۇماتلار بېرىپ ئۆتتى. 

دۇق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئايروپىلان بېلەتلىرىنى ئېلىپ بولغان. 

«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ يىغىندا قىلغان پىكىرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئۆز ئالدىغا 9 كىشىدىن تەركىب تاپقان نامايىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن ھەمدە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى قوزغاش، نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنى تىزىملاش پائالىيەتلىرىدە بولىدىكەن. ئۇلار يەنە، ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن مەخسۇس ئاياللارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئايرىم بىر گۇرۇپپىمۇ قۇرۇپ چىققان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەخسۇس ئالاقە تورلىرىنى قۇرۇپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى نامايىشنىڭ تەشۋىقاتىنى باشلىغان. 

«بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» رەئىسى ئابدۇللام ئەپەندى سۆزىدە، دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى ئايروپىلان ئىستانسىلىرىدا، پويىز ۋوگزاللىرىدا كۈتۈۋېلىش، ماشىنا بىلەن كەلگەن نامايىشچىلارنىڭ ماشىنىلىرىنى توختىتىدىغان مەيدانلارنى ئۇقۇشۇش، نامايىشچىلارنى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىكى نامايىش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ پىلانلىرىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

گوللاندىيەدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ئۇيۇشمىسى» مەسئۇللىرىدىن ئوبۇلقاسىم ئەپەندىمۇ يىغىندا مەلۇمات بېرىپ، گوللاندىيەدە 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنىڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەخسۇس سىن فىلىملىرى ئىشلىنىپ تارقىتىلىۋاتقانلىقى ۋە نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ تىزىملىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى تېلېفون يىغىنىدا يەنە فىرانسىيە، ئەنگلىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن يىغىنغا قاتناشقان تەشكىلات مەسئۇللىرىمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتە 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەردى. 

دۇق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يىغىن ئاخىرىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان ئەجرى، پىداكارلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ نامايىشقا ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، شىمالىي ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 گە يېقىن دۆلەتتىن ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتنىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.