سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇل 6 يىل جەڭ قىلىپ، دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.04.05
buxelchem-rusul-305.jpg ئاقسۇدىكى بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇل. 2012-يىلى يانۋار، بېيجىڭ.
RFA/Shohret Hoshur

ئەرز قىلىش دېگەن بۇ سۆز ئەسلى لۇغەت مەنىسىدىن قارىغاندا، قەغەز-قەلەم ۋە سۆز بىلەنلا داۋام قىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ياكى سوت مەيدانىدا خۇلاسىلىنىدىغان ھەق تەلەپ قىلىش ئارزۇسىدىكى بىر قانۇنىي ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۈگۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رېئاللىققا قارالغاندا، ئەرز قىلىش دېگەن بۇ سۆز، ئەمەلدارلار بىلەن قارشىلىشىش، ساقچىلار بىلەن ئېلىشىش، پويىزدىن سەكرەپ قېچىش، مېھمانخانىدىن تۇتۇپ كېتىلىش ۋە قاماقخانىغا سولاپ قويۇلۇش قاتارلىق بىر قاتار خەتەرلىك ۋە مۇشەققەتلىك جەريانلار بىلەن داۋام قىلىدىغان بىر قەپەس جەڭنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.

مانا بۇ جەڭنىڭ نەتىجىسىدە بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قاماق ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلار بولغىنىدەك، بىر يۈرۈش ئىسسىق ئۆيگە، يېڭى ئاپتوموبىلغا ۋە يۈز مىڭ سوملاپ نەق پۇلغا ئېرىشكەنلەرمۇ بار. رادىئومىز تەرىپىدىن ئۆتكەن بىر يىلدا 6 قېتىم زىيارەت قىلىنغان ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ ئىش-ئىزى تىلغا ئېلىنغان، ئاقسۇ شەھىرىدىكى سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇل ئەنە شۇ جەڭدە دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشكەنلەردىن بىرى. ئۇنىڭ بۇ نۆۋەت ئېرىشكىنى 200 مىڭ سوم نەق پۇل ۋە بىر يۈرۈش ئۆي.

بۇخەلچەم رۇسۇل، 1996-يىلى ئاقسۇدا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ئاچقان؛ ئۇنىڭ ئىشلىرى گۈللىنىپ، ئوقۇغۇچىسى 200 دىن ئاشقاندا، يەنى 2000-يىلى ھۆكۈمەت مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئورنىدا ساياھەت ئورنى بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ مەكتەپنى چېقىۋەتكەن. ئەمما مەكتەپنى چاققانلىقى ئۈچۈن، بۇخەلچەمگە ھېچقانداق تۆلەم بەرمىگەن. بۇخەلچەم 2006-يىلىغا قەدەر 6 يىل ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىنى ئۆزلۈكىدىن ھەل قىلىپ بېرىشىنى كۈتكەن؛ ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچقانداق سادا چىقمىغاندىن كېيىن، 2006-يىلى ئەرز قىلىشقا باشلىغان.

بۇخەلچەم، بۇ ئالتە يىل جەريانىدا ناھىيە، ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون ۋە بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا كۆپ قېتىم سەپەر قىلغان. بۇ جەرياندا 2 قېتىم بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن، بىر قېتىم نېرۋا كېسەللىكلەر ساناتورىيىسىگە قاماپ قويۇلغان؛ 3 قېتىم ساقچىخانىغا قاماپ قويۇلغان. بۇخەلچەم ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە رادىئومىز زىيارىتىنى 6 قېتىم قوبۇل قىلىپ، بېشىغا كەلگەنلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان.

ئاقسۇدىكى دائىرىلەر بۇلتۇر 8-ئايدا ئۇنىڭ بىلەن جىددىي ھالدا سۆزلىشىپ، مەسىلىسىنى قىسمەن ھەل قىلغان. يەنى مەكتەپنىڭ چېقىلغان تاملىرى ئۈچۈن تۆلەمنى كېيىنگە قالدۇرغان. مەكتەپنىڭ سىنىپ، ياتاق ۋە ئىشخانىلىرى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە بىر يۈرۈش ئولتۇراق ئۆي بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەرز قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇشەققەتلىك جەڭدە يېڭىپ چىققانلاردىن بېرى ئاقسۇ ئونسۇلۇق ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا؛ ئۇ ئۆتكەن يىلى تارتىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەرلىرى ئۈچۈن 60 مو يەر بىلەن بىرلىكتە 400 مىڭ يۈەن نەق پۇلغا ئېرىشكەن. شىخەنزە كونا بازارلىق غازى ھامۇت بولسا، خىتايلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئوغلى ئۈچۈن 70 مىڭ يۈەن خۇن ھەققى ئالغان. بۇ جەڭدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن كەشپىياتچى ئۆمەرجان ئىمىن بولۇپ، تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇ 2 يىللىق كېسىلگەن. ئاقسۇ ئۈچتۇرپانلىق نۇرۇنگۇل توختى ھېلىھەم قاماقتا. قەشقەر پەيزاۋاتلىق ئايگۈل توختىنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.