چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «ماگنېتسكى قانۇنى» بويىچە جازالاش ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.06.29
chen-quanguo-chen-chuengo-4.jpg ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن يېڭى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يىغىندا سۆزدە.
cpad.gov.cn

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 28-ئىيۇن كۈنى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەگنىڭ بۇ ھەقتە ترامپ ھۆكۈمىتىگە جىددىي رەۋىشتە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئالاھىدە ئەلچى سام بروۋنبەگ بۇ يىل 29-ماي كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى (تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى) تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخباراتچىلارغا سۆز قىلغاندا خىتايدىكى ئومۇمىي دىنى ئەركىنلىكتىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەخسۇس توختالغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە «بىز دوكلاتتا تىلغا ئالغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۇشەققەتلەردۇر، ھازىر ئۇلار ‹قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى› غا سولانماقتا. بىز نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىلا غايىب بولغان، دەپ قارىلىدىغان بۇ ئۇقۇملار ھازىر خىتايدا تېخىمۇ مۇكەممەل ھالدا كېڭەيتىلمەكتە،» دېگەن ئىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سام بروۋنبەگ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن «يەر شارى ماگنېتسكى قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ جازالاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس دەل ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يۇقىرىقى بۇ خەۋەرنىڭ ئامېرىكىدا ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئىمزالانغان بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، بۇ ئامېرىكىدا ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ماقۇللانغان قانۇننىڭ يەنىمۇ تەپسىلىي ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىككىنچىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بېرى كەسپىي ئۇسۇللار بىلەن ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۈچىنچىدىن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۈلگە ئېلىپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جازالاشتا تەدبىر ئېلىشى ئۈچۈن بىر يول ئېچىلغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.» 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئالاھىدە ئەلچى سام بروۋنبەگ ئەپەندى مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا سودا مەسىلىسىدە جىددىي سۆھبەتلەر بولۇۋاتقان ھازىرقىدەك بىر مەزگىل دەل كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغان پەيت، دەپ كۆرسەتكەن. ئەگەر بروۋنبەگنىڭ تەكلىپى قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنى دىنى ئەركىنلىكنى چەكلەش سەۋەبى بىلەن جازا تەدبىرى يولغا قويۇشى بولۇپ قالىدىكەن. 

نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ماگنېتسكىي قانۇنى» نىڭ ئىجرا بولۇشى ئاقساراي، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن. بروۋنبەگ ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دىنى ئەركىنلىك باش ئەلچىلىكىگە كانساس شتاتىنىڭ باشلىقلىقىدىن ئالاھىدە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا يۇقىرىقىدەك بۇ قارارنىڭ چىقىش ئېھتىماللىقىنىمۇ زور دەپ قاراشقا بولىدىكەن. 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە سام بروۋنبەگنىڭ بۇ تەكلىپى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە مەسلىھەتچىلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشمەكتىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى غوللۇق بىرى بولغان سېناتور ماركو رۇبىيو بولسا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم خىتاينىڭ كىشىنى نەپرەتلەندۈرۈدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بارلىق ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. خىتايغا ئوخشاش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا، خرىستىئانلارغا، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى قاتتىق خارلاۋاتقان ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ئائىت قانۇنلارغا قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئادىل بولمىغان تىجارەت ئۇسلۇبىنى قوللىنىش دېگەن ئادەتتىكى بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتى چوقۇم خىتايغا قارشى بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشى، ھەتتا شەخسلەرگىمۇ ۋىزا بېرىشنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك.» 

«يەر شارى ماگنېتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» غا ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە رول ئالغان، ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە خىزمەت ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىگە، تەن جازاسىغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، ئەگەر ئامېرىكىغا كەلگەن تەقدىردە قانۇنىي جازاغا تارتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2017-يىلى دېكابىردا بېرمادا روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن بىر قىسىم گېنېراللارغا بۇ قانۇن بويىچە جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغىمۇ يۇقىرىدىكى جازا-تەدبىرلىرى ئېلان قىلىنغان تەقدىردە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم خىتاي رەھبەرلەرنىڭ يۇقىرىقى قانۇن بىلەن جازالىنىشى مۇمكىنلىكى بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى لاۋرا ستون تەرىپىدىن 4-ئايدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. لاۋرا ستون خانىم شۇ قېتىملىق سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنى جىددىي ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.