چوڭقۇرچاق دېھقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
چۇڭقۇرچاقتىكى نامراتلىق
چۇڭقۇرچاقتىكى نامراتلىق
RFA

10 يىل ئىلگىرى 24 - فېۋرال، مارالبېشى، پەيزىۋات ناھىيىلىرىدە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما 100مىڭدىن ئاشىدۇ،ئاپەت ئەڭ ئېغىر كۆرۈلگەن مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدا 10 مىڭغا يېقىن ئامما ئۆي - ماكانسىز قالغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلىدا مارالبېشى ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىرىدە ئىلگىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى، ئەمما ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا مەلۇمات بەرگىنىمىزدەك،ئاپەتتىن 10 يىل كېيىنمۇ چوڭقۇرچاق دېھقانلىرىنىڭ يەنىلا بىخەتەر ئۆيلەردە ئولتۇرالمايۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى، خىتاي ئىلگىرى 11 - بەش يىل جەريانىدا مارالبېشى دېھقانلىرىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمىنىڭ ئادەم بېشىغا 3150 سومدىن ئاشقانلىقىنى، 12 - بەش يىللىق پىلان جەريانىدا دېھقانلارنىڭ يىللىق ساپ كىرىمىنى 8120 سومغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئۇنداقتا بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا چوڭقۇرچاق دېھقانلىرىنىڭ قانداق ئىقتىسادىي ۋە تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتقانلىقىنى دېھقانلار ئۆزىدىن ئاڭلاپ باققىڭىز بارمۇ؟ دىققىتىڭىز مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ چوڭقۇرچاقتىكى بىر دېھقان ئايال بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت