رابىيە قادىر خانىم بېلگىيەدە چاقىرىلغان «دۆلەتسىز مىللەتلەر» يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.09.22
rabiye-xanim-belgiye-yighin-dolqun-omer.JPG (سولدىن ئوڭغا) د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندى بېلگىيەدە. 2014-يىلى 19-سېنتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېلگىيەنىڭ بريۇسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى دۇنيا ئالىي يىغىنى» ماۋزۇلۇق يىغىندا دوكلات بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە تەلەپلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بۇ يىغىن دۆلەتسىز مىللەتلەرنىڭ ئالىي يىغىنى بولۇپ، مەزكۇر يىغىن 19-چېسلادىن 21-چېسلاغىچە ئۆتكۈزۈلگەن. 3 كۈن داۋاملاشقان مەزكۇر يىغىن بېلگىيە پادىشاھلىق تىياتىر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

19-چېسلا، يەنى جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىنلا بىرىنچى بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئارقىدىن ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەرەبلەرنىڭ پارتىيەسى بولغان ئەرەب ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سۆز قىلدى. ئۈچىنچى بولۇپ سومالىدىكى ئوروما ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىلى نۇتۇق سۆزلىدى.

9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى يىغىندا بولسا فىلىپپىن مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرى، پەلەستىننىڭ ۋەكىللىرى نۇتۇق سۆزلەپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش كۈرىشىنىڭ جەريانى ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ يىغىنغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، نۇتقىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەقلىق كۈرىشىنى قوللاپ قۇۋەتلەشكە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.

يىغىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەر توغرىسىدا چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك يىغىن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.