دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە باش ئەلچىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ب د ت يىغىنىغا قايتا قاتناشتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.04.25
dolqun-eysa-yighin-kenishkisi-305.jpg دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن، ب د ت ئىقتىسادى‏-ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ 17‏-نۆۋەتلىك يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيەت كىنىشكىسى.
Social Media

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 25‏-ئاپرېل ب د ت ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرى» دا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان.
ئۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا دەرھال تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت ئىقتىسادى‏-ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ 17‏-نۆۋەتلىك يەرلىك مىللەتلەر يىغىنى 16‏-ئاپرېل باشلانغان. لېكىن شۇ كۈنى دولقۇن ئەيسانىڭ يىغىنغا كىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئالاقىدار دائىرىلەر «بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى» نى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، دولقۇن ئەيساغا يىغىنغا كىرىش گۇۋاھنامىسى بېرىشنى رەت قىلغان. بۇ بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

لېكىن 24‏-ئاپرېل كۈنى ۋەزىيەت تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن. دولقۇن ئەيسا نيۇ-يورك شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان بۇ يىغىنغا قايتىدىن چاقىرتىلىپ، چارشەنبە كۈنى يىغىنغا قاتناشقان ھەم سۆز قىلغان.

ئۇ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن بۇ يەردە سۆز قىلدىم. مەن سۆزۈمدە ب د ت نىڭ يىغىنلىرىدا يەرلىك مىللەتلەر، ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇنىڭغا قارىتا ب د ت نىڭ تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ بۇ خىل چەكلەشنىڭ قۇربانى بولغانلىقىمنى، بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، يېغىۋېلىش لاگېرلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ۋە يوقىتىلىش قىسمىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم.»

مۇخبىر: قانداق ئىنكاسى بولدى، خىتاي ۋەكىلىنىڭ ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى قانداقراق؟

دولقۇن ئەيسا: «مەندىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى، ‹بۇ ئادەم د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇ ئۆز تەشكىلاتىنىڭ ئىسمى بىلەن كىرمەي باشقا تەشكىلاتنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ. ئۇ گېرمان پۇقراسى، گېرمان پۇقراسى بولغان بىرسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ سۆز قىلىشى قانۇنغا خىلاپ. ئۇ د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، تېررورلۇق بىلەن باغلىنىشى بولغان بىر ئادەم. ئۇ شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان، نۇرغۇن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان بىر كىشى،› دەپ ماڭا نۇرغۇن ھۇجۇملارنى قىلدى. ئۇ يەنە ‹خىتايدا يەرلىك مىللەت يوق. دولقۇن ئەيسا بەزى دۆلەتلەر ئەلچىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن يىغىنغا كىردىم، دەۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن قولىنى تارتىشى كېرەك،› دېگەندەك بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، بۇ يەردە تەشكىلاتلارنىڭ سۆز قىلىش ھەققىنىڭ بارلىقىنى، دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىغا ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ ئارىلاشقانلىقىدىن ئۆزىنىڭ خۇرسەنلىك ھېس قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ قانۇنغا ياكى پرىنسىپقا خىلاپ ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.»

مۇخبىر: خىتاينى قوللاپ ئىنكاس بىلدۈرگەن باشقا دۆلەتلەرمۇ بولدىمۇ؟

دولقۇن ئەيسا: «بۇ يەردە رۇسىيە ۋەكىلى سۆز قىلىپ خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن دەم ئېلىش ۋاقتىدا مەن شۇ سۆزنى قىلغان رۇسىيەنىڭ ئايال ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلەمسەن،› دېسەم، ئۇ ‹بىلىمەن،› دېدى. ئۇ يەنە ‹مەن ئومۇمىي گەپنى قىلدىم. مەن ھېچقاچان سېنىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى قىلمىدىم، مەسىلىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلغان ياخشى،› دېدى. مەن، ‹بىز تىنچلىق بىلەن ھەل قىلايلى دەيمىز، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ، سەن بىلىپ تۇرۇپ قانداقسىگە يەنە خىتاينى قوللايسەن،› دەپ ئۇنىڭغا مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىم بولدى.»

خىتاينىڭ ب د ت دا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشى، «خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ،» دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى. گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ب د ت خامچوت كومىتېتىنى كونترول قىلىۋېلىپ، خامچوتنى قىسقارتىش ئارقىلىق ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى ئاجىزلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

مەزكۇر تەشكىلات دولقۇن ئەيسانىڭ 16‏-ئاپىرىلدىكى يىغىنغا قاتنىشىشىغا كېپىل بولغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىئۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ھېچقاچان بۇنداق بىر ئەھۋالغا ئۇچراپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېلىئۇس مۇنداق دېدى: «بىز دولقۇن ئەيسانى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. بىزنىڭ ب د ت يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرىدە ۋەكىللىك سالاھىيىتىمىز بار. لېكىن بىز نيۇ-يوركتىكى يىغىندا ھېچقاچان بۇنداق ھادىسىگە ئۇچراپ باقمىغان ئىدۇق. بۇنداق يىغىنلار دولقۇن ئۈچۈن دائىملىق بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.»

ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ كۆرسىتىشىچە، دولقۇن ئەيسا ئۇچرىغان بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ب د ت نى مونوپول قىلىشقا قانچىلىك جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر سىگنالى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئىشلىتىپ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنماقتا. بۇ ۋەقەدە بىز بۇنى ئىسپاتلىدۇق. ئەپسۇسكى، بۇ دولقۇن ئەيسا ئۈچۈن ئاۋارىچىلىك بولدى. نورمالدا ب د ت نىڭ بۇ يىغىنلىرىغا قاتناشسا ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. بۇرۇنلاردا كۆپچىلىكنىڭ بۇ يىغىنلار ھەققىدە ئۇنچىلىك خەۋىرى بولمايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن دولقۇننىڭ مەسىلىسى بۇ يىغىننىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈچىنى ب د ت دا قانچىلىك سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز بۇنى چوقۇم كېلەر يىلقى يىغىن ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، دەپ قارىشىمىز كېرەك.»

دولقۇن ئەيسانىڭ سەيشەنبە كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىگە چاقىرتىلىپ، ب د ت ئىجتىمائىي‏-ئىقتىسادى كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشىدا ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. دولقۇن ئەيسا سەيشەنبە كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىگە چاقىرتىلغاندا گوللاندىيەنىڭ ئانتىۋېرپېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.