د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر ئىسپانىيە كاتالونىيە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.09.29
kataloniye-hokumet-rehberliri-rabiye.jpg د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە كاتالونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائۇل رومېۋا بىلەن. 2016-يىلى 28-سېنتەبىر، ئىسپانىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قانات ئەپەندى 28-سېنتەبىر كۈنى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە كاتالونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. بۇ ئۇچرىشىش ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر ئۇچرىشىشتا رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىگە، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، ئارقىدىن كاتالونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان 100 ئەتراپىدا كىشىگە، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان لاتىن ئامېرىكىسى، ئىراق، سۈرىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىنسان ھوقۇقلىرى پائالىيەتچىلىرىمۇ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قانات قاتنىشىۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان شەھەرلەر» ماۋزۇلۇق پائالىيەتنى ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىسىدىكى 14 شەھەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ 4-قېتىملىق يىغىن بولۇپ، ئۇيغۇر ۋەكىللەر تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسپانىيەنىڭ ياۋروپادا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى يوق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ ئىسپانىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان شەھەرلەر» پائالىيىتى ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىسىدىكى 14 شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 14 شەھەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇپ بەرگەن مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.