د ئۇ ق ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2014.06.10
germaniye-namayish-duq.JPG د ئۇ ق يېتەكچىلىكىدە، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2014-يىلى 10-ئىيۇن، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق 10‏-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا قوزغىغان قاتتىق باستۇرۇشىغا خەلقئارادا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى.

د ئۇ ق، ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ 22-ماي ئۈرۈمچىدە يۈزبەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان. بۇ چاقىرىققا ئاساسەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان ئىتتىپاقى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى بۈگۈنكى نامايىشنى تەشكىللىگەن ئىدى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نامايىشنىڭ مەقسىتى، جەريانى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە پەرھات مۇھەممىدى، دولقۇن ئەيسا ۋە ئەنۋەرجانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.