د ئۇ ق رەئىسى بارسېلونادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تىبەت ۋەكىلى تۇبتەن ۋاڭچەڭ ۋە تەيۋەن ۋەكىلى ماي سىڭياڭ بىلەن «كاتالونىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش» يىغىنىدا. 2018-يىلى، 22-ئىيۇن. بارسېلونا، ئىسپانىيە.
دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تىبەت ۋەكىلى تۇبتەن ۋاڭچەڭ ۋە تەيۋەن ۋەكىلى ماي سىڭياڭ بىلەن «كاتالونىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش» يىغىنىدا. 2018-يىلى، 22-ئىيۇن. بارسېلونا، ئىسپانىيە.
RFA/Ekrem

ئىسپانىيەدىكى مۇستەقىللىق دەۋاسىدا بولۇۋاتقان كاتالونىيە ئاپتونوم ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بارسېلونادا 22-ئىيۇن باشلانغان «كاتالونىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كاتالونىيە مەركىزى بارسېلونادا چاقىرىلغان بۇ يىغىننى كاتالونىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە كاتالونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا كۆپلىگەن خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقاندىن سىرت، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى باشقا مۇستەقىللىق دەۋاسىدا بولۇۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرمۇ قاتناشقان.

بارسېلونادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يىغىندا كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلاردىن تاشقىرى، ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. 

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تىبەت پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، دالاي لامانىڭ بارسېلونادىكى ۋەكىلى تۇبتېن ۋاڭچەن ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا تىبەتلەر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختالغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، كاتالونىيەلىكلەر مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئاشكارا ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما «ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ئىبارىسىنى ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ ئىمكانىيىتى يوقلۇقى» نى تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارالىق سىياسىي ئەربابلارمۇ قاتناشقان ھەمدە كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. 

بارسېلونادا يەنە 23-ئىيۇندىن باشلاپ ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىغىنلارغىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت